تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

شىنجاڭ تولى ناھىيەسى دولاتى يېزىسى جاماتى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مەخپۇزە ئالمۇسېيىت ئۆيىدە كېگىز ياسىماقتا(4-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2014-يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 779 مىڭ ئائىلە، 3 مىليون 89 مىڭ نامرات كىشى بولۇپ، 3666 نامرات كەنت، 32 نامرات ناھىيە بار ئىدى. 2019-يىلىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 22 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014-يىلىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 2 مىليون 511 مىڭ 600 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2683 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 16 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014-يىلىدىكى %29.1تىن% 2.21كە تۆۋەنلىدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى بىردەك %100كە يەتكۈزۈلدى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى)

  شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدە، كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلانغان دېھقانلار شۇ جايدا قۇرۇلغان لازا پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىدىكى كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنت ئاھالىسى توقۇلما بۇيۇم ياسىماقتا(7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكىدا، دېھقان ھەبىبە مەتتوختى(ئوڭدا) بىلەن ئابدۇقادىر لازا مايسىسى توشۇماقتا(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوتەن ناھىيەسى 30 مىڭ مو يەرگە پىگمېنتلىق لازا تېرىپ، تەخمىنەن 4600 ئائىلىلىك دېھقان بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 7500 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى)

  شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسى سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەيدان باشلىقى سۈي جيۇشيۇ(ئوڭدا) نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى(3-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى دۇڭچېڭ 8-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ماتېماتىكا دەرسىدە مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە(3-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىدە، بىر كىيىم-كېچەك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچىلىرى كىيىم-كېچەك تىكمەكتە(9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقياز قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى دوختۇرلار چارۋىچىلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە(2019-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان). چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى دوختۇرلار يىل بويى سەييارە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئۆمەر مەتنىياز «شاپتۇللۇق ئائىلە» ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنى تازىلىماقتا(9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا، بىر خىزمەتچى كېرىيە داۋتيەن غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا غازنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە(5-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

  شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەركىزى قاشتېشى كەسپلەر باغچە رايونىنىڭ قاشتېشى سودا بازىرىدا، نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان قىزلار مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا(5-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

  شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسىدا، باقمىچىلار كېرىيە داۋتيەن غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا خىزمەت قىلماقتا(5-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى