تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېڭىسار ناھىيەسى: يۇقارقى ئېرىق كەنتى بەسەيدىن مول ھوسۇل ئالدى

  ھازىر دەل بەسەيدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسى يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى 150 مو بەسەي يىغىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. يۇقارقى ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇقۇددۇس ھېيت ئائىلىسىنىڭ بەسەيلىكىدە، كادىرلار ۋە ئامما يىغىش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

چولپان يېزىسى يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى بەسەي ئېتىزى.

  ئابدۇقۇددۇس بۇ يىل ئۈچ مو يەرگە بەسەي تېرىدى، پەرۋىشنى ياخشى قىلغاچقا، بەسەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 10 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. بەسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەسەي تېرىقچىلىقى ئائىلىلىرىگە مەھەللىۋى ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇت تارقاتتى ھەم تېخنىكلارنى بەسەي پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى نۇرگۈل ئىسمايىل ئېتىز بېشىدا بەسەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ كەنت ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بازار ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ، بەسەي، سەۋزە قاتارلىقلارنى تېرىشنى ئاساس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى