تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بېيىشتا يول بار، تۇرمۇشتا ئۈمىد

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما جۈنچۈەن خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 16دە، 7-شى 124-تۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋاڭ جىيۇڭ خۇشال ھالدا مال سېتىش سۇپىسىنى رەتلەۋاتاتتى، دۇفۇلارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى. شىنجاڭ رۈيمىڭ ۋەنجيا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېلىپ كەتكەن زاكاز دۇفۇدىن باشقا، چۈشتىن بۇرۇن ئۇ يەنە كۆكتات بازىرىدا 100 كىلوگىرامغا يېقىن دۇفۇ ساتتى، دۇفۇ سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كونا خېرىدارلار، كۆپچىلىك ئۇنىڭ دۇفۇسىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. «يېڭى دەۋرگە ئۇلىشىپ، ياخشى سىياسەتلەر بار بولدى، لېكىن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئۈچۈن يەنىلا ئۆزىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك!» دېدى ۋاڭ جىيۇڭ.

ۋاڭ جىيۇڭنىڭ دۇفۇ ياساۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئىزچىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي تەمنى ساقلاپ كەلدى، ئۇ يەنە «گاۋچۈەن دۇفۇ» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. گەرچە ۋاڭ جىيۇڭ ياسىغان دۇفۇنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى پەقەت 124-تۇەن دائىرىسىدىلا سېتىلاتتى، كىرىمىمۇ پەقەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قامدىيالايتتى. ئۇنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، بېيىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، تۇەن-چاڭ ۋە مەھەللە كادىرلىرى ئىزچىل ئامال قىلىپ ئۇنىڭ دۇفۇسىنىڭ سېتىلىش يولىنى كېڭەيتىپ، بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

2019-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنخۇالى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جيەن 7-شى تيەنبېي يېڭى رايونى رۈيمىڭ ۋەنجيا ئائىلە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەيدانىدا ھەر شەنبە كۈنى بازار كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ۋاڭ جىيۇڭنى ئېلىپ شىنجاڭ رۈيمىڭ ۋەنجيا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى ۋاڭ جىگاڭ بىلەن دۇفۇ سېتىش ئىشلىرىنى كېڭەشتى.

2019-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، ۋاڭ جىگاڭ ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋاڭ جىيۇڭنىڭ ئۆيىگە 500 كىلوگىرام دۇفۇ سېتىۋېلىشقا ئادەم ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ جىيۇڭ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇفۇ ياسىغاندىن باشقا، ھەر شەنبە كۈنى سەھەر سائەت 4:00~5:00لەردىمۇ تۇرۇپ دۇفۇ ياسايتتى. ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى:«جىيۇڭ ئاكا-ئۇكىلار ياسىغان دۇفۇ بازار تاپتى، ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا، 500 كىلوگىرام دۇفۇ سېتىلىپ بولدى.»

ۋاڭ جىيۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئادەتتە، مەن ھەر كۈنى دۇفۇ ياسىغاندا 30 نەچچە كىلوگىرام سېرىق پۇرچاق ئىشلىتىمەن، ھەر شەنبە كۈنى 200 كىلوگىرامغا يېقىن سېرىق پۇرچاق ئىشلىتىمەن، سېتىشتىن غەم قىلمايمەن، كىرىمىممۇ خېلى كۆپەيدى.»

«بۇلتۇر، ۋاڭ جىيۇڭنىڭ دۇفۇ سېتىشتىن قىلغان ساپ كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، دۇفۇ ئۇلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى <تېزلەتكۈچ>كە ئايلاندى» دېدى ۋاڭ جيەن تولۇقلاپ.

ۋاڭ جىيۇڭغا ئوخشاش، 7-شى 130-تۇەن 6-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋاڭ خۇاتىڭمۇ نامراتلىققا تەن بەرمەيدىغان ئادەم ئىدى. «بۇ يىل مول ھوسۇللۇق يىل بولدى، تۇەن-چاڭ ۋە ليەندۈيلەرنىڭ ياردىمىدە 340 نەچچە توننا تاۋۇز، 160 نەچچە توننا ئۈزۈم سېتىپ، كىرىمىم ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى.» ۋاڭ خۇاتىڭ خۇشال ھالدا تاۋۇز بىلەن ئۈزۈم مېنىڭ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمدىكى «گۆھەر» دېدى.

«تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت، تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىغىلى بولىدىكەن.» بۇ ۋاڭ خۇاتىڭ دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز.

مانا مۇشۇنداق مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىرادىسى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە، 7-شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-چاڭلىرىدا، ۋاڭ جىيۇڭ، ۋاڭ خۇاتىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئىشچى- خىزمەتچى ئامما ئۆز قولىغا تايىنىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە بېيىشنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى.

بۇ يىل، 7-شىنىڭ ئېقىنتال شەھىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي، ئادەممۇئادەم ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى تۈزۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىقلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە مۇستەھكەملىدى، ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى