تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسى: ئوتلاق كاتتا يىغىلىشى باشلاندى، ئېسىل پائالىيەتلەر تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ ئاتا قىلدى

قوزغىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق يۇغۇرۇلغان ئوتلاق كاتتا يىغىلىشى − جۇڭگو شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسى 12-نۆۋەتلىك «نادام» ئوتلاق بايرىمى ۋە ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئارشاڭ ناھىيەسى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئارشاڭ ناھىيەسى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق بولۇپ، يەر ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان، بۇ يەر مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر يەر ئىسسىقلىق بايلىقى «ئارشاڭ» نامى بىلەن ئاتالغان ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭگو ئارشاڭ يۇرتى»، «شىنجاڭ سەمەندەر يۇرتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، بۇ چېگرا ناھىيە بازىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئارشاڭ ناھىيەسى «نادام» ئوتلاق بايرىمى ۋە كۈزلۈك، قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىغا تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى مودا ئېلېمېنتلار سىڭدۈرۈلدى. ئۈچ كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ئارشاڭ ناھىيەسى تاماشىبىنلارغا «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»، «ئوتلاق ئېلېكتىر مۇزىكا بايرىمى»، «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى» ۋە «ئوتلاق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەرنى تەييارلىدى.

بۇ بىر مەيدان چولپانلار يىغىلغان كاتتا يىغىلىشدۇر. باشلىنىش مۇراسىمىدا، ۋاڭ ياڭ، دەلىلقان ئادىلبېك، ۋۇيۈنچىمىگى ئوكاكا قاتارلىق شىنجاڭدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار كۆپچىلىككە نەق مەيداندا ئويۇن قويۇپ بەردى. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن «چولپانلار ناخشا كېچىلىكى»دە، پەرھات خالىق قاتارلىق كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىلار ۋە مۇزىكا ئەترەتلىرىمۇ ئارىشاڭ ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىدا، تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، تاماشىبىنلارغا مۇزىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

    بۇ بىر مەيدان سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە يىغىلىشىدۇر. 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، پۈتۈن كۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، قىز قۇۋار، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش، ئات بەيگىسى، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى تاماشىبىنلارغا كىلاسسىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ماھارىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

   بۇ بىر مەيدان سۇ ئۈستى مۇزىكا يىغىلىشىدۇر. ساياھەتچىلەر 10-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، باتىيا ئارشىڭىغا چۈشۈپ، مۇزىكا ئاڭلىغاچ ناخشا ئېيتىش ۋە مودېل مېڭىش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆردى.

   بۇ بىر مەيدان ئوتلاق چىراغ نۇرى يىغىلىشىدۇر. 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنى كەچكىچە، ساياھەتچىلەر يەنە ئارشاڭ كىچىك بازىرىدا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئويۇنىدىن ھۇزۇرلاندى.

   بۇ بىر مەيدان كۈز، قىشنى كېسىپ ئۆتىدىغان ساياھەت يىغىلىشىدۇر. ئارشاڭ ناھىيەسى ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك يۇرت-ماكان قۇرۇش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىنى رەت قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، پۇقرالارغا بەخت ئەكىلىپ، خەلقنى بېيىتالايدىغان كەسىپكە ئايلاندۇردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى