تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلگىرىكى بوران ئېغىزى ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىك

ئالاتاۋ:

ئىلگىرىكى بوران ئېغىزى ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

«ئىلگىرى يىلدا بىر بوران چىقسا، ئەتىيازدىن قىشقىچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن نامى بار ئالاتاۋ بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان شەھەر سۈپىتىدە داڭ چىقارماقتا.

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئالاتاۋ تۆمۈريول خەلقئارا بىرلەشمە توشۇش زالىدا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش خادىمى ليۇ دۇڭيى ئۈزۈم ئېكسپورت زاكاز تالونىنى مەلۇم قىلىۋاتاتتى. قىسقىغىنا بىر نەچچە مىنۇتتىلا، ئۇ مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، يۈكنى تېز سۈرئەتتە ماڭدۇردى.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورتتا ئومۇمىي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى 13.41 سائەت بولۇپ، 2019 - يىلى پۈتۈن يىلدىكىدىن %29.5 قىسقاردى؛ ئېكسپورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى 0.66 سائەت بولۇپ، 2019 - يىلى پۈتۈن يىلدىكىدىن %29.79 قىسقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريول ئىمپورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈريول پورتلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، بىرنەچچە قۇرۇلۇش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پى لۈپىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئالدىدىكى ئىسخېمىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر قۇرۇلۇۋاتقىنى ئۆلچەملىك رېلىسلىق گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن گۇرۇپپىلاش ۋوگزالىدا ئالتە رېلىس بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز كېلەر يىلى يەنە بىر كەڭ رېلىسلىق گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى قۇرۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ باجدىن خالىي رايون ئىچىدىكى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملاشنى پىلانلىدۇق».

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا 22 تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى بار. لېكىن ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولماسلىق، يۈرۈشلەشمەسلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، تېخى پۈتۈن پويىزنى بىۋاسىتە توشۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا، قۇرۇق پويىزنىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە يۈك بېسىلغان پويىزنىڭ يولغا چىقىشىنىڭ ھەممىسىدە ئالاتاۋ ۋوگزالىنى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، بۇ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ توشۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزگەنىدى. بۇ بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئالاتاۋ باجدىن خالىي رايوننىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش (گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى) قۇرۇلۇشى تۈرىنى قوزغاتتى، قۇرۇلۇش تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈپ توشۇش ئىقتىدارى ھازىرقى 25 مىليون توننىدىن ئېشىپ 45 مىليون توننىغا يېتىدۇ، باجدىن خالىي رايون تۆمۈريول ۋوگزالىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئۈنۈم ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىكى قىزىل رەڭلىك تىرانسپورت لىنىيەسى سانلىق مەلۇماتلىرى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن ئالاتاۋ پورتىغا توشۇلۇۋاتقانلىقى ھەم بۇ يەردىن ياۋروپاغا توشۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئالاتاۋ پورتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش كەسپىنى ئاچتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىددەتلىك ئېشىشنى كۈتۈۋالدى. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگە قەدەر، ئالاتاۋ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى 28 مىليون 684 مىڭ 200 دانە، سودا سوممىسى 91 مىليون 83 مىڭ 700 دوللار بولۇپ، كەسىپ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالتىنچى ئورۇنغا، غەربىي شىمال بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

ئالاتاۋ شەھىرى جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان ليۇ جيەنلياڭ ئۇن تارتىش ماشىنىسىنىڭ تەكشى ماتېرىيال تاختىسىغا يىغىلىپ قالغان ئۇننى چاققانلىق بىلەن تازىلاپ، ئۈسكۈنىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇن تارتىش سېخىدىكى ئۇن تارتىش ئىشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بىر ئادەم سېختىكى 47 ئۇن تارتىش ماشىنىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا مەسئۇل ئىدى.

«بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان، نۆۋەتتە، سېختا كۈنىگە 750 توننا بۇغداي بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دېدى ليۇ جيەنلياڭ. تارتىلغان ئۇن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئاپتوماتىك كەسمە چۆپ پىششىقلاش سېخىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئۇن تارتىشتىن كەسمە چۆپ قىلىپ پىششىقلاشقىچە نەچچە سائەتلا كېتىدۇ.

بۇ شىركەت قازاقىستاندىن سېتىۋالغان بۇغداينى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ساتىدىكەن، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

«نۆۋەتتە، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سەككىز كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بىزنىڭ 1 - قارارلىق تۈرىمىز بولۇپ، كۈندىلىك كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 450 توننىغا يېتىدۇ، 2 - قارارلىق تۈر جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھەممىسى قۇرۇلۇپ پۈتكەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ يىللىق ئۇن پىششىقلاش ئىقتىدارى 400 مىڭ توننىغا، كەسمە چۆپ پىششىقلاش ئىقتىدارى 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ» دېدى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دىرېكتورى جاۋ لىجيې.

پى لۈپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقان، نۆۋەتتە، تۆمۈريول پورت رايونى، تاشيول پورت رايونى، چېگرا ئاھالىسى چېگرا بازىرى رايونى، سودا رايونى، ئامباردا ساقلاش رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق توققۇز چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون شەكىللىنىپ، پورت ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشكەن.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئالاتاۋنىڭ سودىگەر چاقىرىش مەبلەغ جەلپ قىلىشى بويىچە نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.4 ئاشقان، پورتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان، پورتتىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى