تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىنجاڭ خوتەن: كىچىككىنە ياڭاقتىن بارلىققا كەلگەن چوڭ كەسىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كارامىتىنى كۆرسەتتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار جوۋ چيەن، خالمۇرات ئابدۇراخمان خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى يار كەنتىدىكى ياڭاق تېرىقچىلىقى چوڭ ئائىلىسى نۇرمەمەت مىرزىكېرەم بىر ئائىلە ياڭاقلىقتا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھەر يىلى ياڭاق يىغىش پەسلى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى بولۇپ، شاخلارنى ئېگىپ غۇچچىدە چۈشۈپ كەتكەن ياڭاقلارغا قاراپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك بولاتتى.

كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق ئايرىماقتا.

«بۇلتۇر 15 مو يەرگە ياڭاق تېرىپ، مو بېشى ھوسۇلىنى 300 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈپ، كەنتتىكى ياڭاق تېرىقچىلىقى «ئەلىيۇلئەلا»سى بولدۇم، ياڭاق تېرىقچىلىقى ئائىلىمىزنى نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. مەن ياڭاق تېرىقچىلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن.» نۇرمەمەت پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ، خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

ياڭاق يار كەنتىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى.

بۇ يىل، يار كەنتىدىكى 2500 مو ياڭاقلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق مەنبە بولۇپ قالدى. خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىش. ياڭاق مەھسۇلات مىقدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى يار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى ئېتىزلارنى ئىنچىكە، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىشقا قاتنىشىپ، تېخنىكلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ دېھقانلارنى ياڭاقلىقنى پەرۋىش قىلىش ھەم كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ياڭاقنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈردى.

كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق قاقماقتا.

كەنت ئاھالىسى روزىباقى ھەسەن ئائىلىسىنىڭ 11 مو ياڭاقلىقى بار. ئەتىگەندىلا، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى كېلىپ ياڭاق ئايرىشىپ بېرىشكە چاقىردى. توق، سۈپەتلىك ياڭاقلارنى كۆرۈپ، روزىباقى ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم بۇ يىلقى مول ھوسۇلنىڭ ھېسابىغا چۈشۈپ كەتتى.

«بۇلتۇر كۆك پوستلۇق ياڭاقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سەككىز يۈەندىن سېتىپ، 16 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىدۇق. بۇ يىل ئېتىز پەرۋىشى ياخشى بولدى، ياڭاقلارنىڭ مېۋىسى توق بولدى، مۆلچەرىمىزچە مەھسۇلات مىقدارى 2.5 توننىغا يېتىپ، كىرىم 25 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولىدۇ.» روزى باقى ھېساپلىغانسېرى خۇشال بولۇپ كەتتى.

كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق قاقماقتا.

ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ زىچ-شالاڭلىقىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى مول ھوسۇل ئېلىشتىكى «ئەڭگۈشتەر.» يار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇقەييۇم ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ياڭاقلىقنى كۆرسىتىپ تونۇشتۇرۇپ، بۇلتۇر يار كەنتىنىڭ بىر مو يەرگە 13 تۈپ بويىچە 2000 تۈپ ياڭاق دەرىخىنى بىرتۇتاش ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ قۇر ئارىلىقى تەكشى بولۇپلا قالماي، يەنە مېۋىنىڭ شەكلى چىرايلىق، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولدى.

«مۆلچەرلىنىشىچە، يار كەنتىدىكى ياڭاقتىن كىرىدىغان كىرىم بۇلتۇرقىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 كىلوگرام ئاشىدۇ. بۇ يىل يار كەنتى 1000 تۈپ ياڭاق دەرىخىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، تېرىقچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئورگانىكلاشتۇرۇپ، ياڭاق سورتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى» دېدى ئابدۇقەييۇم.

كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق ئايرىماقتا.

جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى تيەن رۇڭخۇا مۇنداق دېدى:«شۇ جاينىڭ ئەۋزەل ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئورگانىكلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش يار كەنتىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول. يىغىپ سېتىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ياڭاق دەرەخلىرىنى پۇتاش، ئوغۇتلاشقا تەشكىللەپ، كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا ئاساس سالىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى