تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۈنەس ناھىيەسى: 5000 مو سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرى قارابۇلاق كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا، بىر نەچچە ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەۋاتاتتى، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى قوش بايرامنى تەبرىكلىمەكتە ئىدى، ھەممە ياقتىن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. ھازىر، كۈنەس ناھىيەسىدىكى سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە پىشىدىغان، يىغىۋېلىنىدىغان پەسلى.

بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسىنىڭ سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇ تېرىلغۇ كۆلىمى 5000 موغا يېقىن بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى تۆت توننا ئەتراپىغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى كىراخمال پىششىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىش، ئايرىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش... ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسى ياڭيۇنى ئېتىزدىن ئۆرۈپ چىقاردى، قارابۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ جۈخۇڭ ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم خىزمەت ئەترىتىنىڭ پىدائىيلىرى قاتارلىق ئون نەچچە كىشى يىغىش ماشىنىسىنىڭ كەينىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئايرىش، خالتىغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

ليۇ جۈخۇڭنىڭ ياڭيۇ تېرىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئىزچىل ئاق پوستلۇق ياڭيۇ تېرىيتتى. «بۇ يىل مەن 500 مو سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇ تېرىدىم، مو بېشى ھوسۇلى تۆت توننا ئەتراپىدا بولدى، ئىلگىرى تېرىغان ئاق پوستلۇق ياڭيۇغا سېلىشتۇرغاندا، مەھسۇلات مىقدارى بىر توننىغا يېقىن كۆپەيدى، بۇ يىل كىرىمىم 250 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.» ليۇ جۈخۇڭ ئۆزلىرى تېرىغان سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇنىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمايدىغانلىقىنى، ئېتىز بېشىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇ ياڭيۇلارنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شى 71-تۇەننىڭ كىراخمال پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئاپىرىپ پىششىقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.

«ئاق پوستلۇق ياڭيۇ بىلەن سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇنى سېلىشتۇرغاندا، تېرىش تېخنىكىسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى تېخىمۇ يۇقىرى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، كەنت ئاھالىلىرى سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇ تېرىسا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.» كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرى قارابۇلاق كەنتىنىڭ كادىرى ليۇ يۇڭ، ھەر يىلى سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئالغاندا، شۇ جايمۇ تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەملىشىپ ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كەنتتىكى باشقا ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ قىسقا مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

كەنت ئاھالىسى گۈلشات رىئايسىخان بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر ئائىلە ئايالى، ئائىلىسىدە ئىككى بالىسى بار، ئۇلار ئېرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. يېقىندا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ليۇ جۈخۇڭنىڭ ياڭيۇ ئېتىزىغا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇ ھەم پۇل تېپىپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان، ھەم بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى.

گۈلشات: «مەن بۇ يەردە بىر كۈن ئىشلىسەم 150 يۈەن كىرىم قىلىمەن. ياڭيۇ يىغىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە مەن ئائىلىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل تاپالايمەن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇ سۆسۈن ياڭيۇ دەپمۇ ئاتىلىدىكەن، ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، بىخ كۆزى بىر قەدەر كىچىك، مېۋە ئېتىدىكى كراخمال مىقدارى %13تىن %15كىچە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن، ئىقتىسادىي قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئىكەن.

ليۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىزدە سۆسۈن پوستلۇق ياڭيۇ تېرىيدىغان 30 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بار، تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 4000 مودىن ئاشىدۇ، كېلەر يىلى يەنە تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.» (سۈرەتنى كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى