ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 65 يىلدا كۈچلۈك بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەر باشتىن كەچۈرۈلدى، يېڭى دەۋر مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنجاڭ خەلق سارىيى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىدە، دۆلەت گېربى سەھنىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

سائەت 11دە، سۆھبەت يىغىنى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم ھەربىيلىرى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىدىكى ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار، ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قاتارلىقلاردىن سەككىز ۋەكىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئۇلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيانقى قالتىس مۇساپىنى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن ئەسلەپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى سەمىمىي بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقان - چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىغا، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى؛ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم ھەربىيلەر، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باشتىن - ئاخىر پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىش، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ مېڭىش، نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە مەنسۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى - غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا مەنسۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە مەنسۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقارغانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىغا مەنسۇپ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى مىسلىسىز توغرا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى مىسلىسىز ئەۋزەل، پەقەت بىز قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىسەك، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قاراش ۋە ئۇنى پىلانلاش، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزۇش، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش، جەزمەن خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەزمەن بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى چوڭقۇر پىلانلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

تەكلىپكە بىنائەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ئازادلىق ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم ھەربىيلەر ۋەكىللىرى، بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەندىكى ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىك دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بار.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئىلغار نەمۇنىچىلار، ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەرساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.