تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قوش بايرام ئورتاق تەبرىكلەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

كۈز قۇياشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نۇر چاچتى، گۈللەر رەڭدار ئېچىلىپ، چىرايلاردا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇ بىللە كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ۋەتەننى مەدھىيەلىدى، يۆبىڭ يەپ، جەم بولۇپ مۇڭداشتى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەندە، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتىدىكى ئەل شادلىقى يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن يۆبىڭنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. زاۋۇتتىكى 20دىن ئارتۇق خىزمەتچى يۆبىڭ پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەل شادلىقى يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى مەتياسىن مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «خوتەن كونا يۆبىڭىنىڭ ئىسمى <ئىتتىپاقلىق يۆبىڭى>، قىيمىسىغا ياڭاق، ھەسەل قاتارلىق سەككىز خىل ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ زىچ ئىتتىپاقلاشقانلىقى، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان».

«سىلەر جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلەمسىلەر...» 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم قولىغا «ئىتتىپاقلىق» «جەم بولۇش» دېگەن خەت بېسىلغان يۆبىڭنى ئېلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە چۈشەندۈردى. «يۆبىڭ جەم بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان، جۇڭچيۇ جەم بولىدىغان بايرام، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭچيۇ بايرامىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىز خۇددى مۇشۇ يۆبىڭگە ئوخشاش شېرىنلىككە تولغان!» قەيسەر گۈزەل تىلەكلەر ئىلكىدە تۇغقانلىرى بىلەن بىللە يۆبىڭ يەپ، شېئىر ئوقۇپ، ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئورتاق ئىپادىلىدى.

جىمىسار ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن چۈەنزىجيې بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، «پۈتۈن خەلق ئورتاق تەنتەنە قىلىپ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش. قول تۇتۇشۇپ جەم بولۇپ جۇڭچيۇ ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم تەييارلانغان يۆبىڭلارنى كەنتتىكى ياشانغانلارغا ئاپىرىپ بەردى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سېرىكباي سىلامخان يۆبىڭنى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە پۇقرالارنى يېتەكلەپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دۆلەت گۈللەنگەن، ئائىلە ئىناق بولغان بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەك».

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى «جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىش، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش» ئاتا - ئانا ۋە بالىلار باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بالىلاردا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بالىلار قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، سۇڭ ياۋېن، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ رۈيفاڭ، ۋاڭ يۈيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.