تىيانشان تورى خەۋىرى: 2020-يىلى دۇنخۇاڭ . قومۇل داخەيداۋ دەرىجىدىن تاشقىرى دالا چىدامچانلىق مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى دۇنخۇاڭ مىڭشاشەن تېغى ئېتىكىدىن يولغا چىقىپ، يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قومۇل داخەيداۋ يارداڭ توپىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بىر مەيدان ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى تەنتەنىلىك يىغىنى چۆل-جەزىرە قۇملۇقى، يارداڭ ئاجايىپ مەنزىرىلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.