تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ شىجۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لىن خەۋىرى): دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدىن قاناسقىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدىن قاناسقا بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كۆپەيتىلىپ، قاناسقا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ قولايلىق، ئازادە بولغان سەپەرگە چىقىش شەكلى بىلەن تەمىنلەپ، كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كونكرېت ئۇچۇش ۋاقتى: بېرىشتا CZ5471 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 09:00دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:25تە قاناسقا قونىدۇ؛ قايتىشتا CZ5472 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 10:35تە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 11:45تە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ.

سەپەرگە چىقىدىغان ساياھەتچىلەرگە سەمىمىي ئەسكەرتىش: قاناس مەنزىرە رايونى جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ، تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن، سىرتقا چىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇپ، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، ساياھەت مەنزىلگاھى ۋە مەنزىرە رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈزۈمىگە ئۆزلىكىدىن ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى سەمىمىي ئەسكەرتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى