تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

يېڭى دەۋر. بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى丨بەخت-سائادەتلىك، ئامان-ئېسەن، قەلبلەر ئىللىق

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان 8-شى شىخەنزە شەھىرىدىكى ماخې ئېكولوگىيە باغچىسى. مۇھىت خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر. بۇ خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىر ئۇچى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە، يەنە بىر ئۇچى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۇتىشىدۇ، ئاجايىپ ئۈنۈملۈك مۇھىت تۈزەش نەتىجىلىرى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 8-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇخبىر جاڭ دېجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، 5-شى سەنخې يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىۋېرسال توپ سېتىش بازىرىدا، تۈرلۈك يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە گۆش، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. 5-شى قوشئۆگۈز شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ياراتتى. بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 5-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇخبىر شېن جىجۈن فوتوسى

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى زاۋشىشاڭ ناشتىلىق دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى مانتا، موما سېلىنغان قاسقاننى تىزماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىڭتۇەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى؛ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 6-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇخبىر لى خۇابېي فوتوسى

13-شى خۇڭشىڭ 1-چاڭ ئەرداۋخۇ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇشلۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چياۋ شيۇخۇا (سولدا) ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بەرمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇش ئىناق تۇەن-چاڭ بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 13-شى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر يىلى «ئون ئەمەلىي ئىش»نى بېجىرىش ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. لى لې فوتوسى

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، 4-شى كۆكدالا شەھىرىدىكى خاۋيوۋدو دورىخانىسىدا، دورىگەر دورىلارنى تىزماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 4-شى كۆكدالا شەھىرى ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىسلاھاتى، ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەم ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ياڭ جۈنچىن فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، 5-شى 90-تۇەن مەكتىپى 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتا كىتاب ئوقۇماقتا. بۇنىڭغا ئوخشاش كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى بۇ مەكتەپتىكى ھەر بىر سىنىپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ مەكتەپ دەرسكە قارىتا «كەشتە تىكىش ماھارىتى»نى تولۇق ئىشقا سېلىپلا قالماي، يەنە دەرستىن سىرتقى ساپا مەشىقىنى پائال كېڭەيتىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتابنى ياخشى ئوقۇيدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى. چىن گۇيليەن فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان 10-شى بېيتۈن شەھىرىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىرىك پىلان يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەت يېتەكچىلىكى، فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، شەھەر ئىقتىسادىنى زورايتىپ، تەرەققىيات تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ قولاي قىلدى. بىڭتۇەن گېزىتى مۇخبىرى چېن ياڭ فوتوسى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن چيۇڭ خەۋىرى): ئەمىن ئۆي قەد كۆتۈردى، كېسەل كۆرسىتىپ ئاتچوت قىلىش كاپالەتكە ئىگە بولدى، «ئىشىكى ئالدى»دىلا ياخشى خىزمەت تېپىلدى، ليەندۈينىڭ مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللەشتى... خەلق رايى چىقىش قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى مەۋقە قىلىندى. مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى بىڭتۇەننىڭ «خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھان قەغىزى»نى ۋاراقلىغاندا، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي ئىشلار ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.

بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن-چاڭلىرىغا كىرسىڭىز، ئەڭ ياخشى، ئەڭ گۈزەل قۇرۇلۇشنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، ئازادە، پاكىز مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قەلبىدىكى «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە»گە ئايلانغانلىقىنى كۆرىسىز. 1-شى 9-تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شى شىنيۈ مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز پاكىز، چىرايلىق، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىمۇ تولۇق، ھەر كۈنى يەنە ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق تامىقىمىز بار.» 3-شى 44-تۇەن 18-ليەندىكى ئامما مۇختەر تۇرسۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش بۇ ئىككى يىل ئىچىدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئىشى ئىدى. «كونا ئۆيىمىز كېسەك ئۆي، يامغۇر، شامال ئۆتۈپ، يەر تەۋرەشكىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، ھازىر بىز 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئۆي يوپيورۇق، ھويلىغا يەنە مېۋىلىك كۆچەت تىكتۇق، كۆكتات تېرىدۇق» ئۆيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئورتاقلىشىۋاتقان مۇختەر تۇرسۇننىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەر بىر شاخ، ھەر بىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تۇرالغۇ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇردى... بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى كاپالەت تورىنى زىچ توقۇپ، پۇختىلاپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، كەلگۈسىگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد بېغىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى