تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

كۈنەس ناھىيەسىدە كۈزلۈك سېرىق نەشپۈتلەر مول ھوسۇلدىن بېشارەت بەردى

 

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى ۋېن، ليۇ نىڭنىڭ، گو خۇيخۇي فوتوسى، خەۋىرى): «بىزگە تونۇش كورلا نەشپۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۈزلۈك سېرىق نەشپۈتنىڭ دانىسى خېلىلا چوڭ، ھەر بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 700~800 گىرام كېلىدۇ، دانىسى چوڭراقلىرى بىر يېرىم كىلوگىرام كېلىدۇ.» مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتىكى كۈزلۈك سېرىق نەشپۈتلەر شاخلارنى ئېگىپ تۇرغان نەشپۈتلۈكتە شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى تالدى بازىرى ئۇچتۆپە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گېڭ يۇڭجۈن شۇنداق دېدى.

  كۈزلۈك سېرىق نەشپۈت دەپ ئاتالغان بۇ نەشپۈتنىڭ پىشىش مەزگىلى كەچ كۈزدە. «ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈزۈش باشلىنىدۇ، ئەڭ ياخشى سېرىق نەشپۈتنى يېمەكچى بولسىڭىز، يەنە ساقلايسىز!» دېدى گېڭ يۇڭجۈن.

  70 موغا يېقىن بۇ مېۋىلىك باغنى 2003-يىلى گېڭ يۇڭجۈن ھۆددىگە ئالغاندا بىر پارچە قاقاسلىق ئىدى، ئۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ياللاپ، يەرنى تۈزلەشكە مەجبۇر بولدى.

  دەسلەپتە، گېڭ يۇڭجۈن سېرىق نەشپۈت تېرىشنى ئويلىمىغانىدى، 52 ياشلىق گېڭ يۇڭجۈن زىرائەت بىلەنلا ھەپىلەشكەنىدى، ئۇنىڭ نەزەرىدە، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، بۇغدايلارلا دېھقانلار تېرىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئىدى.

  2012-يىلى، گېڭ يۇڭجۈن يۇرتى خېنەنگە قايتقاندا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقاننىڭ كۈزلۈك سېرىق نەشپۈت تېرىغانلىقىنى كۆردى. «يۇرتىمىزدىكى كۈزلۈك سېرىق نەشپۈتنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، مېۋىلەش مەزگىلىدە مو بېشى ھوسۇلى بەش توننىدىن ئاشىدۇ، بىر كىلوگىرامىنى ئىككى يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ. ھېسابلاپ باقسام، بىر مو نەشپۈتتىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى ئۇ.

  قايتىشىدا، گېڭ يۇڭجۈن 15 تۈپ نەشپۈت كۆچىتىنى ئەكىلىپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كىلىمات شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان-ماسلىشالمايدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئىككىنچى يىلى، 10 تۈپ كۆچەت ئەي بولدى، ئەي بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغانىدى.

  2013-يىلى، گېڭ يۇڭجۈن خېنەندىن 2600 تۈپ نەشپۈت كۆچىتى سېتىۋالدى، نەشپۈت كۆچىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا 10-ئاي كىرىپ قالغانىدى. «يەرلەر توڭلاپ، كولىغىلى بولمىدى. ئاۋۋال تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ قويۇپ قويسام نەتىجىدە يېرىمى ئۆلۈپ كەتتى» دېدى.

  بۇ قېتىمقى زىيان ئۇنى چېكىندۈرەلمىدى. كېيىنكى ئىككى يىلدا، ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5000 تۈپتىن ئارتۇق نەشپۈت كۆچىتى زاكاس قىلدى، نەشپۈتلۈك باغ 40 مودىن ئاشتى.

      2015-يىلى، كۈزلۈك سېرىق نەشپۈت مېۋە بېرىشكە باشلىدى. «شۇ يىلى مەھسۇلات مىقدارى بىر توننىدىن ئاشتى، ئىككىنچى يىلى سەككىز توننىدىن ئاشتى. مىقدارى كۆپ بولمىغاچقا، بىر كىلوگىرامىنى سەككىز يۈەندىن نەچچە قېتىم بازارغا سالا-سالمايلا سېتىلىپ بولدى» دېدى گېڭ يۇڭجۈن.

  2019-يىلى، مەھسۇلات مىقدارى 40 توننىدىن ئاشتى. بۇ يىل، مېۋە بېرىش نىسبىتى ٪90كە يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى بىر ھەسسە ئېشىپ، 80 توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى. «كۈزلۈك سېرىق نەشپۈت ئاز دېگەندە سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىدۇ، مېۋىلەش مەزگىلىدە، مو بېشى مەھسۇلاتى بەش توننىدىن ئاشىدۇ، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.» گېڭ يۇڭجۈن شۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، 40 نەچچە مو يەردىكى كۈزلۈك سېرىق نەشپۈت مول ھوسۇلدىن بېشارەت بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى