تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ بىئارام بولۇۋاتامسىز؟

  بۇ ئۈچ خىل تېرە ئاسراش ساۋاتى ئىنتايىن مۇھىم

  كۈز پەسلى تىلغا ئېلىنسا، كاللىمىزدا پەيدا بولىدىغان بىرىنچى سۆز تېرە قۇرغاقلىشىشتۇر. تېرە ئورگانىزمىمىزنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى تۇنجى توسۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

  ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۈز پەسلىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، تېرە قان تومۇرلىرى قىسقىرايدۇ، ياغ بېزى تەر بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، تېرە ياغ پەردىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبى ئۈزلۈكسىز يوقاپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ كېپەكلىشىدۇ، ھەمدە تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل تېرە مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ.

  كۈز پەسلىدە تېرىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

  1. تېرە نەملىكىنى ساقلاش: ياز پەسلىدىكى تازىلاش ۋە ماينى يوقىتىشقا سېلىشتۇرغاندا، كۈز پەسلىدە نەملىك ساقلايدىغان، سۇ تولۇقلايدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، تېرىگە ماي پەردىسىنى ئاسرايدىغان، ياللۇغقا قارشى تۇرىدىغان، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش كېرەك. «يۈز»نى ئاسراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن تېرىسىنىمۇ ئاسراش كېرەك، ھەر قېتىم يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن سىلىقلاش تىپىدىكى بەدەن مېيىنى ئىشلەتكەندە، تېرە قۇرغاقلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل تېرە كېسەللىكى ئالامەتلىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  2. ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش: بۇ مەزگىلدىكى ئاپتاپ گەرچە يازدىكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپتاپقا قاقلىنىپ پۇخادىن چىققۇچە سەيلە قىلىشقا بولمايدۇ. ياز پەسلىدە كۈن نۇرى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن نەملىكى يۇقىرى بۇلۇت قاتلىمى قېلىن بولغاچقا، يەنە بىر قىسىم ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ قالالايدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا كۈز پەسلىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىن باشقا، SPF سەل تۆۋەن بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇنى سىرتقا چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشلەتسە بولىدۇ.

  3. كالپۇك قىسمىنى ئاسراش: تېرىنى ئاسراشتىن باشقا، كالپۇك قىسمىنى ئاسراشقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، بەدەندە ئاسانلا سۇ كەمچىل بولىدۇ، كالپۇكمۇ سىرتتا ئوچۇق تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ تېرىسى بىر قەدەر ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرە ياغ بېزى ماي ئاجرىتىپ چىقىرىپ كالپۇك قىسمىنى ئاسرىمايدۇ، شۇڭا تازىلاش ۋە نەملىك ساقلاشقا تېخىمۇ موھتاج. ئالدى بىلەن، كالپۇكنى يالىماسلىق، تېرىنى يىرتىۋەتمەسلىك كېرەك، قانچە يالىسا شۇنچە قۇرۇيدۇ، كالپۇك ياللۇغى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۇنى كۆپ ئىچىپ ۋىتامىن تولۇقلاشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بىر قىسىم لەۋ سۇرۇخلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قىزلار لەۋ سۇرۇخ ئىشلەتكەندىن كېيىن لەۋ ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، گىرىمىنى ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىشى ھەمدە سىلىقلاش تىپىدىكى لەۋ سۇرۇخنى ئىشلىتىپ كالپۇكىنى ئاسرىشى كېرەك.

  گەرچە كۈزنىڭ سوغۇقى تەننى ئازراق قورۇسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەيپىياتنى تەڭشەپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش لازىم، سىزنىڭ گۈزەللىك ۋە بەختكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى