تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«قوش بايرام» مەزگىلىدە كورلىدىن خېجىڭغا بارىدىغان پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

كورلا-ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى بىر جۈپ «گۈللىنىش» ناملىق چاتما ئوق پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن): دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمى «قوش بايرام»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۆمۈريول تارماقلىرى سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كورلىدىن خېجىڭغا بارىدىغان بىر جۈپ تېز سۈرئەتلىك يولوچىلار پويىزىنىڭ، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بىر جۈپ «گۈللىنىش» ناملىق چاتما ئوق پويىزنىڭ قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

  دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمى تەڭ كەلدى، بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىنىڭ تۆمۈريول توشۇش مەزگىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن بىر كۈن كۆپىيىپ، جەمئىي 11 كۈن بولغان. كورلا ۋوگزالى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، كورلا ۋوگزالىدىكى يولوچىلار ئېقىمى شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى، تۇغقان يوقلاش  ئېقىمىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، 10-ئاينىڭ 6-7-، 8-كۈنىلىرىگە مەركەزلىشىدىكەن، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى يولوچىلار ئېقىمى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، 10-ئاينىڭ 1-، 6-، 7-، 8-كۈنلىرى كورلىدىن خېجىڭغا بارىدىغان بىر جۈپ تېز سۈرئەتلىك يولوچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، يۈرۈش ۋاقتى: كورلا-خېجىڭ K9838 قېتىملىق پويىز سائەت 13:52دە كورلا ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 15:12دە خېجىڭ ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ خېجىڭ-كورلا K9839 قېتىملىق پويىز سائەت 18:46دە خېجىڭ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 20:07دە كورلا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن.

  9-ئاينىڭ 30-كۈنى، 10-ئاينىڭ 1-، 7-، 8-كۈنلىرى كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بىر جۈپ «گۈللىنىش» ناملىق چاتما ئوق پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، بۇ پويىز يەنجى، خوشۇت، مالەن ۋوگزالىدا توختاپ ئۆتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى