تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ كەمچىل بولۇشنىڭ بۇ بىرنەچچە سىگنالىغا دىققەت قىلىڭ

   سۇ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت سۇ ئىچىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

   لېكىن، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇنىڭ كەمچىل بولۇشىغا بولغان ئىپادىسى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، پەقەت %1 سۇ كەمچىل بولغان ئەھۋالدىمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

   سۇ كەمچىل بولسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئەگەر سۇسىزلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، يۈرەك قان تومۇر، نەپەس ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىق سىستېمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەيلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان سۇسىزلىنىش بولسۇن، ياكى بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىت ئامىلى سەۋەبىدىن بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ئېغىر دەرىجىدىكى سۇ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزملارنىڭ چوڭقۇر قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، تېرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ۋە تەرنىڭ چىقىشى كېچىكىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قان ئايلىنىشنىڭ ئوسموس بېسىمى ئېشىپ، ھۈجەيرە ئىچكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىدىكى توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

   سۇ كەمچىل بولغاندا بەدەندە قانداق سىگناللار كۆرۈلىدۇ؟ سۇ كەمچىل بولغاندا خىزمەت يۈكى ئەھۋالى، ئورگانىزملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئىسسىقلىققا بولغان چىدامچانلىقى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نىسپىي نەملىككە بولغان تەسىرىگە ئاساسەن بەدەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سىگنال پەيدا بولىدۇ. سۇ مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپلا قالماي، يەنە ئورگانىزملارنى تەشكىل قىلىشتا تەركىبى ئەڭ كۆپ بولغان تەركىب ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى سۇنىڭ مىقدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ھامىلە مەزگىلىدە سۇنىڭ مىقدارى %90كە يېتىدۇ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان مەزگىلگە بارغاندا %60، ھەتتا %50كىچە ئازىيىدۇ.

   ئادەتتە، سىز ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىشتىن بۇرۇنلا، بەدىنىڭىز %1 سۇ كەمچىل بولۇش ياكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ %2ى ئەتراپىدىكى سۇنى يوقاتقان ھالەتكە كېلىپ بولىدۇ. ئورگانىزملاردىكى سۇسىزلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەرتىپ بويىچە ئۇسساشتىن ئېغىز قۇرۇش، قۇرۇق ئىسسىق بولۇش، دېمى سىقىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش، باش ئاغرىش، تىت-تىت بولۇش، چارچاش، بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىت سۈيدۈك كەلمەسلىك ياكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىش ۋە پۇرىقى قويۇقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

   بەدەن ئېغىرلىقى 65 كىلوگىرام كېلىدىغان جىسمانىي كۈچى يېنىكرەك قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، تېرە ئارقىلىق پارلىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، كۈندىلىك ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2569 مىللىلىتىر بولىدۇ. ئادەتتە، ساغلام بولغان قۇرامىغا يەتكەن كىشى كۈنىگە 2500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ تولۇقلىشى كېرەك. لېكىن، بىزگە كېرەكلىك سۇ، پۈتۈنلەي ئىچىدىغان سۇدىن كەلمەيدۇ، يەنە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتىكى بەش خىل دانلىق قارا ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇدىن ئېرىشىدىغان سۇنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 1500 مىللىلىتىردىن 1700 مىللىلىتىرغىچە بولىدۇ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىشنى ساقلىماسلىق، بىر قېتىمدىلا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك، ئۇسساشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، زىيادە كۆپ سۇ ئىچىش يۈرەك، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن مەركەزلىك زىيادە كۆپ سۇ ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى