شىنجاڭ تورى خەۋىرى(مۇخبىر جيا مېڭيەن): دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى بۇ يىللىق گۈللۈك لايىھەلەش ۋە ياساش خىزمىتىنى باشلىدى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەنىسى روشەن، شەكلى ھەر خىل گۈللۈك ئارقىلىق، خۇشال-خۇرام، ئىناق كەيپىيات يارىتىلىپ، شەھەر كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇلدى.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ داۋانچىڭ رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن گۈللۈكلەر ئاساسلىقى لوبىن يولى، قەدىمىي شەھەر يېڭى كوچىسى، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى بىلەن لوبىن يولىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزى، شۇنداقلا چاقپەلەك مەيدانى قاتارلىق ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىغا قويۇلغان.
چاقپەلەك مەيدانىنىڭ ئالدىدا، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن گۈللۈك نۇرغۇن ساياھەتچى، شەھەر ئاھالىسىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى، پاكار ھەشقىپىچەك، سەبدەگۈل، شەلپەرگۈل، تاجىگۈل شامالدا يەلپۈنەتتى. قىزىل رەڭلىك «جوڭگو تۈگۈچى» شەكلى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.