9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرى شاخېشۇي يېزىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرى شاخېشۇي يېزىسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدىكى 500 مودىن ئارتۇق يەردىكى خۇاڭجۈ گۈلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلىنى ئۈزۈش، قۇرۇتۇش، پىششىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ نەنچياۋ بازىرى «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، خۇاڭجۈ گۈلى، چىسەي خاسىڭ، ئورگانىك خۇڭشۇ قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىپ، ئەتراپتىكى 3000دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 95 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (لياڭ زىدۇڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرىنىڭ شاخېشۇي يېزىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلى ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرى شاخېشۇي يېزىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلىنى قۇرۇتماقتا.
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرى شاخېشۇي يېزىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلىنى ئاپتاپقا سالماقتا.
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى شىڭتاڭ ناھىيەسى نەنچياۋ بازىرى شاخېشۇي يېزىسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا، دېھقانلار خۇاڭجۈ گۈلىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.