تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى.
تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تۇرپان — يىپەك يولى كېسىشكەن جاي، يىپەك يولى مەدەنىيىتى بۇ يەردە جۇغلانغان. بۇ يەردە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، تۇرپان تۇردىن ئىبارەت ئۈچ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بار. يەنە تۇرپان مۇزېيى، بېزەكلىك مىڭئۆيى، تۇيۇق، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەنزىرە رايونلىرى بار، يەنە بۇيلۇق، كارىز، يالقۇنتاغ، ئايدىڭكۆل، قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، شۇنداقلا غەلىتە تاش ئورمانلىقى، نەنخۇ ئۈرۈك چېچىكى كەنتى، يارغول ئۆتىڭى ۋە لوۋلەن، چېشى، خوشەن قىزىل ھاراق كەنتى قاتارلىق خاس مەنزىرە رايونلىرى بار.
مەنزىرە رايونى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى
تۇرپان شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) مەملىكەت بويىچە بارلىق تېببىي خادىملار، ساقچى ئىشلىرى خادىملىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ؛پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ۋە رايونلار ئارا ئاپتوموبىللارغا يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش ئىجرا قىلىنىدۇ؛كەڭ ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى (نۇقتا) بېلىتىگە ئاساسەن يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇدا قونسا بولىدۇ ھەمدە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ ئېتىبار باھاسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛تۇرپان شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)غا كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇپ، رايونلار ئارا ئاپتوموبىللارغا يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.