تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«دۆلەت بايرىمى» «جۇڭچيۇ بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بايراملىق يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ تاۋ خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار سەپەرگە چىقىش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن، يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن جيايۈگۇەنگە، ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تۈگۈن نۇقتىسى بولغان شەھەرلەرگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى يولغا قويىدىكەن.

  شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار پويىزى

  يولۇچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە جيايۈگۇەن شەھىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى بىلەن جيايۈگۇەن جەنۇبى  ۋوگزالى ئارىلىقىدا D4902/1 قېتىملىق بىۋاسىتە قاتنايدىغان بىر جۈپ ئوق پويىزنى كۆپەيتىدىكەن.

  يۈرۈش ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-، 6-، 7-، 8-كۈنلىرى، يۈرۈش پەيتى: D4902/1 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى بېكىتىدىن سائەت 8:50تە قوزغىلىپ، جيايۈگۇەن جەنۇبىي ۋوگزالىغا سائەت 14:55تە يېتىپ بارىدىكەن؛ ئەتىسى جيايۈگۇەن جەنۇبىي ۋوگزالىدىن سائەت 15:25تە قوزغىلىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا سائەت 22:19دا يېتىپ كېلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى

  شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشى

      ئۈرۈمچى-غۇلجا: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارىلىقىدا C8743/8-قېتىملىق بىر جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-قورغاس: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-قورغاس ئارىلىقىدا C8744/7-قېتىملىق بىر جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى قاتنايدۇ؛ K9789/90-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-ئالتاي: 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-ئالتاي ئارىلىقىدا K9749/50-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-بېيتۈن: 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-بېيتۈن ئارىلىقىدا Y953/4-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-قاراماي: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-قاراماي ئارىلىقىدا C8761/4،-C8765/8،-C8763/6-قېتىملىق ئۈچ جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-كۈيتۈن: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئارىلىقىدا C8721/4،-C8725/8،-C8727/30،-C8723/6-قېتىملىق تۆت جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-چۆچەك: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-چۆچەك ئارىلىقىدا K9855/6-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-بورتالا: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-بورتالا ئارىلىقىدا  C8781/4،-C8783/6-قېتىملىق ئىككى جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-ئالاتاۋ پورتى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-ئالاتاۋ پورتى ئارىلىقىدا 5801-، 5806-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشى

  ئۈرۈمچى-كورلا: 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-كورلا ئارىلىقىدا C8120/17 C8102/3،-C8104/1،-C8110/1،-C8112/9،-C8118/9-قېتىملىق ئۈچ جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-ئاقسۇ: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-ئاقسۇ ئارىلىقىدا K9772/3،-K9774/1-قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-قەشقەر: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-قەشقەر ئارىلىقىدا K9786/7،-K9788/5-قېتىملىق بىر جۈپ تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى، T9516/7،-T9518/5-قېتىملىق بىر جۈپ ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-خوتەن: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-خوتەن ئارىلىقىدا T9526/7،-T9528/5-قېتىملىق بىر جۈپ ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى، 7556/7-، 7558/5-قېتىملىق بىر جۈپ ئادەتتىكى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  شەرقىي شىنجاڭ يۆنىلىشى

  ئۈرۈمچى-داۋانچىڭ: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-داۋانچىڭ ئارىلىقىدا K9741/2،-K9743/4-قېتىملىق ئىككى جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى-قومۇل: 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-قومۇل ئارىلىقىدا D8801/6،-D8805،-D8811/6،-D8840/39-قېتىملىق 3.5 جۈپ ئوق پويىز گۇرۇپپىسى قاتنايدۇ.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالاقە تورى، تېلېفون، ۋوگزالدىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ. يولۇچىلار ۋوگزالدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ۋېيشىن سۇپىسى، ۋېيبو سۇپىسىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىش، ياكى جۇڭگو تۆمۈريول مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىگە چىقىش، 12306 مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون بېرىش ئارقىلىق تەپسىلىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى