تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى: ئىشىك ئالدىدىكى «ئارزۇ زاۋۇتى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئابدۇغېنى ئىمام ئىشىك ئالدىدىكى كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئۇ ئەتىگەن سائەت 10دا، بىر كۈنلۈك نان يېقىش خىزمىتىنى باشلىدى.

ئابدۇغېنى ئىمام تۇرۇشلۇق زاۋۇت، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى. كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 300 مىڭغا يېتىدىغان بۇ كەسىپلەر باغچىسى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «نان شەھىرى» دەپ ئاتالدى. سەھرادىكى ئىس-تۈتەكلىك ئوتتا يېقىلىدىغان نان يېقىش مۇھىتىغا ئوخشىمايدىغىنى، زامانىۋى زاۋۇت ئۆيلىرى پاكىز، رەتلىك، بىرتۇتاش ئۆلچەملىك تونۇرلار تەرتىپلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەممە يەرنى بۇغداي ئۇنىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاقلانغاندىن كېيىنكى ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان خۇش پۇرىقى قاپلىغانىدى.

«ئۆيگە يېقىن ھەم پاكىز، قەدىر-قىممەت بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، يەنە تېخى ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا بۇ يەرگە كەلدىم» ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇغېنى ئىمامنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئابدۇغېنى ئىمامنىڭ دېگىنى خاتا ئەمەس، ئىشىك ئالدىغىلا ئېچىلغان بۇ «ئارزۇ زاۋۇتى» يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى بىرىنچى تاللىشى ئىدى.

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى

شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نان مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ ھەمدە نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىغا تايىنىپ، كۆلەملەشكەن ئەۋزەللىك بىلەن ئىستېمال بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، نامرات ئاممىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەڭ ئۈنۈملۈك، بىۋاسىتە، مۇقىم بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇلى» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پاڭ شۆچىن. پەيزاۋات ناھىيەسىدە نۇرغۇن كىشىلەر مىڭ يىللىق قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئىشىك ئالدىغا قۇرۇلغان «ئارزۇ زاۋۇتى» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمۇ نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ھازىر 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان.

ئىشچىلار شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدە نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىدا نان ياقماقتا.

ئابدۇغېنى ئىمام ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسىدىكى نەچچە مو يەرگە تېرىلغان ئەنئەنىۋى زىرائەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمەيتتى. مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغان ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان بولۇپ، كىرىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇلتۇر 12-ئايدا، ئابدۇغېنى ئىمام ئىشىك ئالدىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

ئابدۇغېنى ئىمام مۇنداق دېدى: «بىر ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يەنە ھۈنەرگىمۇ پىشتىم، مەن ئىلگىرى ياققان نانلار تۆت-بەش خىلدىن ئاشمايتتى، ھازىر ئون نەچچە خىل نان ياقالايمەن».

ھازىر، نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى 1200دىن ئارتۇق خىزمەتچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىدا، ئىشچىلار نانغا يېمەكلىك يېغى سۈرتمەكتە.

بۇ يىل بۇ «ئارزۇ زاۋۇتى» A3 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر يەنە نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىدا سەيلە قىلىپ، نان يېقىشنى ھېس قىلالايدۇ. «نان شەھىرى» ئاللىبۇرۇن شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ۋاستىسى بولۇپ قالدى.

«بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ناھىيە بازىرىدا ماكانلىشىمەن، بالىلارمۇ تېخىمۇ ئەلا بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى چىقىش يوللىرى بار بولىدۇ.» كەلگۈسى ھەققىدە توختالغاندا، ئابدۇغېنى ئىمام كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كەلگۈسۈم چۈش ئەمەس».

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى