تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى جۇڭگولۇق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە غەمخورلۇق قىلدى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغان ھاجاتخانىنىڭ قول يۇيۇش ئورنىدا قول يۇيماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2006-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى «مەكتەپلەرنىڭ سۇ، مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىق تۈرى»گە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشقا باشلىغان، بۇ ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۈيى، مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ھەم ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. 2016-يىلىدىن باشلاپ، گۇيجوۋ، يۈننەن قاتارلىق جايلار بۇر تۈرنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تاللانغان، گۇيجوۋ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيەسىدە 50 باشلانغۇچ مەكتەپ نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ تاللانغان. 1970-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى رەسمىي جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، كەڭ بالىلار توپىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، چەت، يىراق رايونلار، يېزا رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر يېقىن ھەمكارلىقنى ساقلاپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، مائارىپ، بالىلارنى قوغداش، سۇ ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە 160تىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى قانات يايدۇرغان. ھازىرغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگولۇق بالىلارغا سالغان سېلىنمىسى جەمئىي 675 مىليون دوللاردىن ئاشقان.(جاڭ يۈۋېي فوتوسى)

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانىدا مەدەنىي بولۇش باش تېما پائالىيىتىدە، باشقا ساۋاقداشلارغا قانداق قول يۇيۇشنى كۆرسەتمەكتە.
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانا تازىلىماقتا.
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى شۇنيى رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ شەھىرى نيۇلەنشەن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى تەجرىبە مەكتىپىدە، ئاشپەز ۋۇ كېجيەن ئوقۇغۇچىلارغا «ئوزۇقلۇقى تەڭشەلگەن تاماق دەرسى» ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، جەمئىيەت خىزمەتچىسى گۇاڭشى لىڭشەن ناھىيەسى فوزى بازىرى يۈەنيەن كەنتى «بالىلار ئائىلىسى»دە، بالىلارنىڭ بوزەك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش تېمىلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەھەللە خىزمەتچىسى گۇاڭشى لىڭشەن ناھىيەسى فوزى بازىرى يۈەنيەن كەنتى «بالىلار ئائىلىسى»دە، بالىلارنىڭ بوزەك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش تېمىلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، جەمئىيەت خىزمەتچىسى(ئوڭدىن 2-كىشى) گۇاڭشى لىڭشەن ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، بالىلارغا كىتاب ئوقۇب بەرمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى