تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ماھىرلار بىلەن چېمپىيونلۇققا ئاتلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن جې): 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، CBA شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە «قان ئالماشتۇرۇش»نى تاماملىغاندىن كېيىن، يېڭى قىياپەتكە كىرگەن شىنجاڭ كوماندىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئالىي شان-شەرەپكە جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تەدرىجىي ھالدا يېڭى ماھىر سەپلەشنى تاماملىدى. قىرانبېك، شىرئەلىجان ۋە يۈ چاڭدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ماھىرلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۆتكەلدى، ئەزىمەت، جۇ چۈەنيۈ قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش توپچىلار بىرىنچى كوماندىغا ئۆستۈرۈلدى. بىر قەدەر ئاجىز بولغان ئارقا بېك سېپىگە كوماندا يۈ دېخاۋ، ۋۇ يۇڭشېڭ قاتارلىق توپچىلارنى كىرگۈزۈپ نۇقتىلىق تولۇقلىدى.

  زېڭ لىڭشۈدىن باشقا، نۆۋەتتە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى «1995-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» بولۇپ، كوماندىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 23 ياشقا يەتمەيدۇ، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئابدۇسالاممۇ كوماندىغا يېڭىدىن كوماندا باشلىقى بولدى. «كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن زىممەمگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت كۆپەيدى، ئىلگىرىكى قىرانبېككە ئوخشاش، كۆپچىلىكنى داۋاملىق زىچ ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئابدۇسالام.

  ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، بۇ ياش دۆلەت ماھىرىنىڭ سول تىزى ئېغىر يارىلاندى. ئابدۇسالام مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يەنىلا ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىشىغا يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇ كەسپىي ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئېغىر يارىلىنىشىم، بەك ئازابلاندىم. ھېلىمۇ ياخشى نۆۋەتتە ئەھۋالىم بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئۇ ئاشكارىلاپ.

  كۇلۇب تەرەپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوماندىدىكى نۇرغۇن ياش توپچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، يېقىندا قاتتىق مەشىق قىلىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ھازىر بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاتاكىغا ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»