تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشان - ۋەزىپىسى، خىزمەت پىرىنسىپىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە بۇ خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش قاتتىق داۋلى، ياخشى ئىشلىتىش ھەقىقىي قابىلىيەت بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆچمە ۋاسىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم، سىياسەت - تەدبىر، تەرتىپ - باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار - تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، تور ۋە تور سىرتىدىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن، ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئاساس، ئىلغار تېخنىكىنى تىرەك، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كاپالەت قىلغان پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قوشۇننىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرى ئارقىلىق بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن، ئىلغار تېخنىكا، كەسپىي ئىختىساسلىقلار، تۈر مەبلىغىنى ئالاقە تورى ئاساسىي بازىسىغا توپلاپ، كۆچمە تېرمىنالغا مايىللاشتۇرۇپ، تور سىرتىغا تارقالغان كۈچلەرنى تېزدىن تورغا يۈرۈش قىلىش، تورغا چوڭقۇرلاپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تور سۇپىسىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش بازىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا يېقىنلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىش» ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلار بىلەن قوبۇل قىلغۇچى ئاممىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوچۇق سۇپا ئارقىلىق كەڭ ئابۇنىچىلارنى ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئامما تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان مەزمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئامما ئايرىلالمايدىغان تارقىتىش ۋاسىتىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق يۇغۇرما تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، رايون - بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئىشلىتىپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ساھەسىدە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەتقىق قىلىنىشى ۋە قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەزمۇن ئىرادىسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، مەزمۇن سۈپىتىگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، مەزمۇن ئىپادىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇن تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن تەشكىلىي قۇرۇلما ئورنىتىپ، يېڭىچە مۇخبىرلىق - تەھرىرلىك تەرتىپى بەرپا قىلىپ، تۈجۈپىلەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تارقىتىش زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ بازار رىقابەت ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «ئاخبارات + ھۆكۈمەت ئىشلىرى، مۇلازىمەت ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى» يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزى قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بايلىق كۆجۈملەشكەن بولۇش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەركەز تاراتقۇلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلار، شەھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك يۇغۇرما تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن تاراتقۇلۇق سىرتقا تارقىتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش كېرەك.

«پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئوچۇق، ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇلارنى پىششىق بىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ياش، ياش مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا تولۇقلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىشى كېرەك. باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.