تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە ماشىنىلار شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ چىرا دەرياسى 2-نومۇرلۇق كۆۋرۈكىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا. 

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ خوتەندىن چاقىلىققىچە بولغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، رېلىس ياتقۇزۇش، يول ئۇلىنى ئاسراش، لىم قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 825 كىلومېتىر بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، 2020-يىلى 5-ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش رەسمىي باشلانغان. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق جايلاردا پويىز قاتنىماسلىق تارىخى ئاخىرلىشىدۇ، خوتەن ئاممىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىرايدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.(خۇ خۇخۇ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى