تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

غۇلجا شەھىرى: 10 ئولتۇراق رايون «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دېگەن نامغا ئېرىشتى

  9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ «ئولتۇراق رايونلارغا كىرىش» ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى يولى كوچا باشقارمىسى ئىلى دەرياسى يولى مەھەللىسى گۈلباغ ئولتۇراق رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى 90 مەھەللە «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دېگەن نامغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە 10 مەھەللە بار.

  ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا، ئوبلاست دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئولتۇراق رايونغا نام بېرىش قارارى ئېلان قىلىندى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى 10 ئۈلگىلىك ئولتۇراق رايون ئاھالىلەر ۋەكىللىرىگە ۋىۋىسكا بەردى.

  ئىلى دەرياسى يولى مەھەللىسى گۈلباغ ئولتۇراق رايونى 2014-يىلى 10-ئايدا سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 968 ئائىلە، 2000دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق 11 مىللەت بار بولۇپ، تىپىك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئولتۇراۇق رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قاتارلىق «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى»نى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسىدىن 15نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 889نى بەرپا قىلدى. 

  (ماقالىنى غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جاڭ كاڭ تەمىنلىگەن)

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى