تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېڭ شىلىن، جاڭ گوخۇا خەۋىرى): ھازىر، سانجى شەھىرىدىكى مىڭ مو قۇلماق ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، كەڭ دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال ئۈزۈپ پىششىقلاپ، مول ھوسۇل ئالدى.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتور سانجى شەھىرى ئېرليۇگۇڭ بازىرى شىڭفۇ كەنتىدىكى بىر قۇلماق ئۈزۈش يېرىگە كەلگىنىدە، يىراقتىن قۇلماقنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىدى، دېھقانلار قوللىرىغا ئورغاق ئېلىپ، قۇلماق پېلەكلىرىنى كېسىپ ئېلىۋاتاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈزۈپ ئېلىنغان قۇلماقلار كەنتتىكى سانجى شەھەرلىك رۈنفۇدا تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرىپىدىن بىرتۇتاش پىششىقلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ ۋە ئوراپ قاچىلىنىپ، توختامدىكى كېلىشىم بويىچە، شىنجاڭ فاڭرۈي قۇلماق خام ئەشيا بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بېرىلىدىكەن.
ليۇ لەنخۇا بۇ يىلقى زاكاس بويىچە 500 مو يەرگە قۇلماق تېرىغان بولۇپ، قۇلماق سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى ئىدى. ئۇ خۇشاللىقىدىن ئاپتورغا مۇنداق دېدى: «قۇرۇتۇلغان قۇلماقنىڭ بىر كىلوگىرامى 28 يۈەن، بىر مو يەردىن 8000 يۈەندىن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش كىرىمىدىن كۆپ يۇقىرى».
بۇ يىل يىل بېشىدا، سانجى شەھەرلىك رۈنفۇدا تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭ فاڭرۈي قۇلماق خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن 1000 مو يەرگە قۇلماق تېرىش توختامى ئىمزالىدى. قۇلماق پىششىقلاش، سېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سانجى شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئېرليۇگۇڭ بازىرى شىڭفۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇ كوپىراتىپ ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، چىگىت ئايرىش ماشىنىسى، چىگىت تاللاش ماشىنىسى، تايلاش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق قۇلماق پىششىقلاش، قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى.