تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاساسلىق يېمەكلىك سېمىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ئەمەس

بەزىلەر ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى سېمىزلىكنىڭ «باش جىنايەتچىسى» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. سېمىزلىكنىڭ «باش جىنايەتچىسى» ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىپ كېتىشى.

ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت مۇۋاپىق بولغان تاللاش بار. يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئوزۇقلۇقتىكى ئالاھىدىلىكى ھەر خىل بولۇپ، كۆپ خىللىققا، تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، يېمەكلىك تاللاشنىڭ «ئالتۇن ئۆلچەم»ى ھېسابلىنىدۇ.

گۈرۈچ تاماقلىرىنى يېگەن ياخشىمۇ ياكى ئۇن تاماقلىرىنى يېگەن ياخشىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، گۈرۈچ، ئۇنلار يېمەكلىك تۈرى ئىچىدىكى دانلىق زىرائەت تۈرىگە كىرىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن قارىغاندا، ئاساسلىق تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، ئوزۇقشۇناسلىقتا «قەنت تۈرىدىكىلەر» دېيىلىدۇ، ئەمما، بۇلاردا پولىساخارىد ئاساس قىلىنىدۇ. دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، ئارىلاش پۇرچاق قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئاساسلىق يېمەكلىك» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. بۇ، ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئەڭ ئىقتىسادچىل بولغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئېنېرگىيە يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ئاقسىل، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىقلار ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسىي يېمەكلىكىنى يېمەسلىككە بولمايدۇ. ئىنچىكە پىششىقلانغان گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلار ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا، گۈرۈچ ياكى ئۇن تاماقلىرى يېيىش يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە شەخسىي قىزىقىشقا ئاساسەن بەلگىلەنسە بولىدۇ.

ئورۇقلاشتا ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىن تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. ئورۇقلىغاندا، ئاقسىل، سۇ، مىكرو ئېلېمېنتلار چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، بۇ ئارقىلىق ماددا ئالمىشىشقا ۋە ھاياتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان ئىككى خىل ئوزۇقلۇق ماددا «كاربون سۇ بىرىكمىلىرى» ۋە «ماي»نى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىش، ئەمما، يەنىلا ئەڭ ئاساسىي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

ئاساسلىق يېمەكلىكتە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغاندىن سىرت، ئىنسانلار ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان B تۈردىكى ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، يېمەكلىك تالاسى، ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ يېرىمى ئاساسلىق يېمەكلىكتىن كېلىدۇ. دانلىق زىرائەتلەر تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش جەريانىدا، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار، يېمەكلىك تالالىرى ئېغىر، زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە خورايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى زىيادە پىششىقلاشقا بولمايدۇ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا، چوقۇم «قارا-ئاقنى ماسلاشتۇرۇش»ى، قارا ئاشلىق (تۈجۈپىلەپ پىششىقلانمىغان دانلىق زىرائەتلەر، ئارىلاش پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بەرەڭگە تۈرىدىكىلەر) ئاساسلىق يېمەكلىك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئىككىدىن بىر قىسمىغىچە ئىگىلىشى كېرەك.

ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى ئىنسانلارنىڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنى تىزگىنلەش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، فىلانوۋوئىد پولىفېنول تۈرى جەمەتىگە تەۋە بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش قاتارلىق رولى بار. فىلانوۋوئىدلىق ماددىلار كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىكى فۇنكىسىيەلىك تەركىبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، خىلمۇخىل تاللاش ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەكشى قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

(ئاپتور جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى