تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچان ناھىيەسىدىكى مىڭ مو ياڭاقلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىڭ، ئابلەت، بەي يىڭ): يەنە بىر يىللىق مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى كۆكيار كەنتىدىكى قويۇق ياڭاقلىقتا، دېھقانلار ياڭاق ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مول ھوسۇل شادلىقى ياڭاقلىقنى قاپلىغانىدى، پات-پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ياڭاقتىن ھوسۇل ئېلىش شادلىقى.

  كۆكيار كەنتى شەرقىي تىيانشان ئېتىكىدىكى بىر جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، تىيانشاندىكى قار سۈيىدە سۇغىرىلىدۇ، يېقىن ئەتراپتا يەنە بىر سۇ ئامبىرى بار بولۇپ، سۇ مەنبەسى بىرقەدەر مول.

  جىلغا بىر قەدەر سالقىن بولغاچقا، ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كەلمەيتتى، كۆكيار كەنتىدىكى ئەجدادلار ياڭاق دەرىخى تىكىپ سىناپ باقتى، نەتىجىدە بۇ يەرنىڭ ياڭاق دەرىخى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بۈگۈنكى 1600 مودىن ئارتۇق كۆلەمنى شەكىللەندۈردى.

  پىچان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۈي يۇڭجەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1600 مو ياڭاقلىق ئىچىدە 100 يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە دەرەخ %3 ئەتراپىدا، 80 يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە دەرەخ %15 ئەتراپىدا، 50 يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە دەرەخ تەخمىنەن %60 ئەتراپىدا كېلىدۇ.

قەدىمي ياڭاقلىقتا، ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى ئاران يېتىدىغان ياڭاق دەرەخلىرى ناھايىتى كۆپ.

  «ياڭاق دەرىخى سالقىن مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭغا تارقالغان، تۇرپاننىڭ كىلىماتى ئىسسىق، شۇڭا ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى چوڭ ئەمەس، 1600 مو تۇتاش كەتكەن ياڭاقلىق ھەمدە 100 نەچچە يىللىق قەدىمىي ياڭاق ئورمىنى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا بىز ئۇنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق» دېدى سۈي يۇڭجەن.

كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق قاقماقتا.

  «بىزنىڭ بۇ يەردە ھەر مو يەردىن 150 كىلوگرامدىن ئارتۇق ياڭاق چىقىدۇ، ھەر كىلوگرامى 18 يۈەنلىك توپ سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلانغاندا، بىر مو ياڭاقلىقتىن 2700 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى كۆكيار كەنتى 1-گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىسالەت مەڭلىك خۇشال ھالدا.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى پىچان ناھىيەسى پۈتۈن كەنتنى كۆچۈرۈپ كۆكيار كەنتىنى شەكىللەندۈرگەن. گەرچە كونا كەنت بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 نەچچە كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن ياڭاقلىقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۆزگەرمىگەن. ھەر ئايدا كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ياڭاقلىقىنى سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، چاتاپ، بۇ ياڭاقلىقنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى