تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى نەق مەيداندا دېڭىز شېلى ئۆلچەندى

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، يۈەن لۇڭپىڭ دېڭىز شېلى تەتقىقات كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ چىققان شورلۇق سۇغا چىداملىق شال(دېڭىز شالى) شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدە ئاشكارا ئۆلچەندى. مەھسۇلات ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا نەزەرىيە مو بېشى ھوسۇلى نەتىجىسى 548.53 كىلوگىرام بولدى.

ئۆلچەنگەن ئېتىز بۆلىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتى بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ، بۇ جاي ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق تۇپراققا تەۋە.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسى ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لىشەن شال ھوسۇلىنى ئۆلچەش رايونىنى ئايرىماقتا.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسىدا، دېھقانلار شالنى ئورۇماقتا.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسى ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لىشەن (سولدا) مەھسۇلات ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۈجۇ(ئوڭدا)غا شالنىڭ تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسىدا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، پىروفېسسور جوۋ چىڭمىڭ مەھسۇلات ئۆلچەش ماتېرىيالىنى تولدۇرماقتا.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ ئېتىز قىرلىرىدا، ئاق شورنى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى دېڭىز شېلى تېرىقچىلىق بازىسىدا، مەھسۇلات ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، پىروفېسسور جوۋ چىڭمىڭ (ئوڭدا) ۋە مەھسۇلات ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۈجۇ (سولدا) شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

«学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى