مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: كۈز ئوتتۇرىلىرىدا دەرەخلەرگە قىروۋ چۈشتى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا «بىر كۈندە ئىككى پەسىل»، «تاغنىڭ يېرىمىدا كۈز، يېرىمىدا قىش» بولۇشتەك ئۆزگىچە مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر نەچچە كۈندە كۆپ كۆرۈلگەن قاتمۇقات توپ بۇلۇتقا تەكشى ئېقىملىق بۇلۇت قوشۇلۇپ، گۈزەل ئوتلاقنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا بۇلۇت دېڭىزى شەكىللەندى.
ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراجون جىلغىسىدا، كۆپ قېتىم تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى بۇلۇت دېڭىزى پەيدا بولدى. بۇلۇت قاتلاملىرى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا، ئوتلاقلار ئۈستىدە لەيلەپ يۈرەتتى، بەزىدە نېپىز شايىدەك، بەزىدە توپ-توپ پاختا تالاسىدەك شەكىلگە كىرىپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. تاغ-دالىلار سۇس سېرىق، يورۇق، زۇمرەتتەك يېشىل كۆرۈنەتتى.
تاڭبۇلا ئوتلىقىدا، 210 مىڭ مو يەردىكى ئىپتىدائىي ئىككىلەمچى ئورمان تەدرىجىي كۈز تۈسىگە كىردى، قارىغايلار ياپيېشىل، قېيىنلار ئالتۇنرەڭ، تاغ ئۆرۈكلىرى قىپقىزىل بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان بىلەن بىرىكىپ، رەڭدار «ماي بوياق رەسىم»نى ھاسىل قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى.