تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ دەن فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «يېشىل سەھراغا سىڭىپ كىرىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش» باش تېما قىلىنغان ياڭيۇ بايرىمى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىگەي بازىرىنىڭ جيۇخۇ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئەتراپتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «ياڭيۇ كولاش»، «ياڭيۇ تېتىش زىياپىتى»، «ناخشا ئېيتالايدىغان توخۇ ئىزدەش»، «خۇديېيۈەندە بۆلجۈرگەن ئۈزۈش»، «دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرىنى سېتىۋېلىش» قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلار كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى قاتناشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ھەقىقىي يېزا-كەنت ساياھىتىنى ھېس قىلدۇردى.
پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشقا، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى ھەم جىمىسار ناھىيەسىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەت كۈنى، 150تىن ئارتۇق ساياھەتچى نەق مەيداندا ياڭيۇ كولىدى، كولانغان ياڭيۇ 1532 كىلوگىرامغا يەتتى، يېڭى تاراتقۇلار ۋاڭخۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسەتتى، توردا 25 توننا ياڭيۇ زاكاز قىلىندى.