تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تىك ئۇچار ئايروپىلان تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا كۈچ قوشتى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىككى ئوقۇغۇچى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جياڭشى نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە داشۆسىدە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئەنئەنىۋى تەكلىپ قىلىش شەكلىدىن باشقا، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەنچاڭ بازىسى، ئاۋىياتسىيە سانائىتى جياڭشى خۇڭدۇ ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى چاڭخې ئايروپىلان سانائىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى يەنە بىرلىكتە «قول تۇتۇشۇپ جياڭشى ئاۋىياتسىيە ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان AC311A ۋە AC311 پۇقرالار تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ، ساۋاقداشلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پۇقرالار تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈشى، ھېس قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى، يەنە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا جەلپ قىلدى.(جوۋ مى فوتوسى)

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىككى ئوقۇغۇچى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرمەكتە.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىپ ئۇچۇشنى ھېس قىلدى.(ۋاڭ جۇڭچىڭ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار تىك ئۇچارغا چىقىپ ئۇچۇشنى ھېس قىلدى.(ۋاڭ جۇڭچىڭ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇشنى ھېس قىلدى.(ۋاڭ جۇڭچىڭ فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى