تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن (9-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئىلى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): نەشپۈت يەيدىغان پەسىل يەنە يېتىپ كەلدى، نەشپۈتنىڭ كۈزدىكى قۇرغاقچىلىققا قارىتا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمى بار، ئەمما، نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بۈگۈن (9-ئاينىڭ 27-كۈنى)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزان كۆرۈلىدۇ، قىسمەن جايلاردا قۇم ئۇچىدۇ ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃6 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

بۈگۈن، ئالتە بالدىن يەتتە بالغىچە بولغان قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچېڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى. بەش بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شەرق شامىلى ھەمدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ چەرچەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لىنىيەلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قۇم ئۇچىدۇ ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.

يېقىندا تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن، ئادەم بەدىنى سوغۇقنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە، باشقىلارغا قارىغاندا سوغۇقتىن بەكرەك قورقىدىغان، پۇت-قولى مۇزلايدىغان، ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر «كۈزلۈك ئۈششۈك»تىن باش قاتۇرماسلىقى، ھەرۋاقىت سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ بوينى، مۈرىسى، بېلى، كىندىكى، ئوشۇقى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى