تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاۋباۋ كەنتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى خېبېي سۇنىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاۋباۋ كەنتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىدە، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى سۆزلىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاۋباۋ كەنتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى خېبېينىڭ سۇنىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «شياۋكاڭ بىلەن شياۋمېي __ رەقەملىك يېزا-كەنت ئارقىلىق گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاۋباۋ كەنت-بازارلىرى ۋەكىللىرى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى باشلامچىلار بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا قاتناشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خېبېي ئۆلكىسى سۇنىڭ ناھىيەسىدە جەمئىي 17 تاۋباۋ كەنتى، توققۇز تاۋباۋ بازىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە «پۈتۈن رايون تاۋباۋ بازىرى»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان ناھىيە بولۇپ قالغان. سۇنىڭ ناھىيەسىدە 21 مىڭدىن كۆپرەك ئېلېكترونلۇق سودا تور دۇكىنى بار بولۇپ، يىللىق ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش سوممىسى 10 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان.(جۇ شۈدۇڭ فوتوسى)

8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاۋباۋ كەنتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاۋباۋ كەنتى يىللىق شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى(9-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاۋباۋ كەنتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىدە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئېلېكترونلۇق سودا تەمىنات زەنجىرى ئېسىل مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى