تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئانگولا زۇڭتۇڭى، ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنزو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو، ئانگولا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپى بويىچە، قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قوللىدى، بىر - بىرىگە ياردەم بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ قارشى تەرەپ دۆلىتىدىكى چياۋمىنلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپكە قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، يېقىندا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئانگولاغا ئەۋەتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئانگولا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو، ئانگولا ئىككى دۆلەت چىن، سەمىمىي ياخشى قېرىنداشلار، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ئانگولا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو - ئانگولا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئانگولاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئانگولانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك سورۇن ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

لورېنزو جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىردىنبىر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىگەن چوڭ دۆلەت. ئانگولا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئانگولانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئانگولا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋەت ۋە چوڭقۇر دوستلۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگولاغا سالىدىغان مەبلىغىنى زورايتىپ، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئانگولا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە ياپونىيە باش ۋەزىرى جيەن يىۋېي بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا مۇھىم يېقىن قوشنا ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئوخشاشلا ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى توغرا يولغا قايتتى ھەم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ تۈرلۈك پىرىنسىپلىرى ۋە روھى بويىچە، تارىخىي مەسىلە قاتارلىق مۇھىم، زور سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. مەن سىز بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىش رولىمىزنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئورتاق مەنپەئەتنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق سىياسەت تاللىشىغا ئايلاندى. جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو - ياپونىيە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە ۋەزىيەتكە قارشى ئېشىپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقلىقى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مۇقىم، راۋان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ كېلەر يىلى بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بويىچە، كۆپ تەرەپچىللىكنى پائال تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ۋە رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يەر شارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جيەن يىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە تەرەپ جۇڭگوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئىككى دۆلەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر - بىرىنى قوللىدى. مۇقىم بولغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زىچ پىكىرلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ پىكىرلىشىپ، يىل ئىچىدە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياپونىيە - جۇڭگو - كورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.