تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھىتى ئالتۇن كۈزدە ئەسلىگە كەلدى

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ۋولۇڭۋەندە سەيلە قىلماقتا. ئالتۇن كۈزدىكى قاناس مەنزىرە رايونى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. (شۈ گۇاڭجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «خوتەن . شىزاڭغا كىرىش 9 - لىنىيەسى» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قىزىل لىنىيەسىدە يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، سىچۇەن، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن 135 ساياھەتچى كېرىيەدىن يولغا چىقىپ، قەھرىمانلار قەدىمىي يولى − «شىزاڭغا كىرىش 9 - لىنىيەسى»دە قايتا ماڭدى. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»دا، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان كەڭ تۇپراقتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى، بۇغداي دولقۇنلىرىنى كۇەيشەن قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر، چىڭگىل ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىغان ئۈزۈش بايرىمى ئوخشاشلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، كۈز تۈسى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن 350 تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ بەس - بەستە كۈچ چىقىرىپ، ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى تەشكىللىدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىدا تېز جانلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى.

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، 200گە يېقىن جىلىنلىق ساياھەتچى ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى، نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار «جىتەي ناملىق» جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلان ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىدى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى كۆپ تۈرلۈك ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ساياھەتچىلەرنى ئالتايغا كېلىشكە جەلپ قىلدى. يېقىندا، جىلىن ئۆلكىسى يەنە ئالتاي ۋىلايىتىگە بىردىن ئىككىگىچە ساياھەت مەخسۇس پويىزى، بىردىن ئىككىگىچە ساياھەت نۆۋەتچى ھۆددە ئايروپىلانى قاتناتقۇزىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل «جىتەي ناملىق» جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى، ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانىدا 3000دىن ئارتۇق ساياھەتچى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىدىكەن.

شۇ كۈنى، خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «ساياھەت ئىستېمالى ھەرىكەتتە . خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپان ساياھىتى» پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، 200دىن ئارتۇق خۇنەنلىك ساياھەتچى تۇرپانغا كېلىپ ساياھەت قىلدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا ساياھەت نۆۋەتچى ھۆددە ئايروپىلانىدىن 19نى، ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن ئىككىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 نۆۋەتچى ئايروپىلان جياڭسۇنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى، سەككىز نۆۋەتچى ئايروپىلان شىنجاڭ ئىچى ھۆددە ئايروپىلانى.

ھازىرقى پەسىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىمالىي شىنجاڭ جەلپكار كۈز يۈرۈشلۈكى، جەنۇبىي شىنجاڭغا رىشتە باغلاش يۈرۈشلۈكى، شەرقىي شىنجاڭغا مەپتۇن بولۇش يۈرۈشلۈكى، دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش يۈرۈشلۈكى، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مەخسۇس پويىز يۈرۈشلۈكى قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشتىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلىدى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 26سى قاتنايدۇ. ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 تۆۋەنلىتىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئەڭ زور چەكتە پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.