تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«خەلقنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى.» مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاشتا، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، دىققەتنى دۇچ كەلگەن كونا قىيىن مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە بولمايدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئادىللىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى سىجىل ياخشىلىدى. بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، كەڭ تېببىي خادىملار ئاق خالاتنى ساۋۇت قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزدى، تېببىي دورا - سەھىيە سىستېمىسى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، بىز خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىنى ئاچتۇق.

ھازىر، ئىنسانلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۈتۈن يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، كېسەللىك تىزىملىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، دۆلىتىمىز يەنىلا كۆپ خىل كېسەللىك يۈكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، كۆپ خىل ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ تاسادىپىي جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشى تېز، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، زىيىنى زور. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق ئېھتىياجى سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ساغلاملىق بارغانسېرى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى مەسىلىسىگە ئايلانماقتا. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، سەھىيە - ساغلاملىق بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى.

ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىپ، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساغلاملىق بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. دىققەتنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر، چوڭ كېسەل ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر، چوڭ كېسەلنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئادىل مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساغلاملىق مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى «بوغما» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن تەجرىبە ۋە ئەندىزىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلقئارا ئالاقە - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن - ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلىشىپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ سەپەردە، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىپ، ساغلاملىق كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتسەكلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى