تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.» مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ - ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كەيپىياتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ى قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ تۈزۈمى قىلىپ بېكىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، جەزمەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا مەدەنىيەت مۇھىم مەزمۇن؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مەدەنىيەت مۇھىم تىرەك نۇقتىسى؛ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مۇھىم ئامىل؛ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا مەدەنىيەت مۇھىم كۈچ مەنبەسى. يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ۋەزىپىسى قىلىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىستىك تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، بارلىق خەلقنىڭ ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسىي يولى قىلىپ، «ئىككى ئۈچۈن» يۆنىلىشى، «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك؛ جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويۇش، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپى يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، ھەم خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە سانسىزلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدى، لېكىن بىز بۇنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بەردۇق، چىدىدۇق، بۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، مول، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، ھەم جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ھەم جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك ھەم چوقۇم يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى