تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئالتە تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

1. قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تەن شياۋخۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلى 2 - ئايدىن 2019 - يىلى 11 - ئايغىچە تەن شياۋخۇڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 50 مىڭ 800 يۈەن بولغان؛ 2017 - يىلى 12 - ئايدا، 2018 - يىلى 3 - ئايدا، تۇغقىنىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىدىن جەمئىي 65 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇل ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، تەن شياۋخۇڭدا يەنە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. تەن شياۋخۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

2. مارالبېشى ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ئەمەر سىدىقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتى ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلى 1 - ئايدىن 2018 - يىلى 12 - ئايغىچە ئەمەر سىدىق يىغىنغا قاتنىشىش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، يۈرۈش سەپىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، مەلۇم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەمىنلەش سودىگىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت، ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئىستېمال سوممىسى جەمئىي 23 مىڭ 700 يۈەن بولغان؛ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 5400 يۈەن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئەمەر سىدىقتا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. ئەمەر سىدىققا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

3. سانجى شەھەرلىك شەھەر سېلىنما قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى جېڭ يۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسى ۋە سوۋغاتلىق پۇلىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2013 - يىلى چاغاندىن 2018 - يىلى جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىگىچە، جېڭ يۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 18 قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان مال سېتىۋېلىش كارتىسى ۋە سوۋغاتلىق پۇل قاتارلىقلارنى ئالغان، بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 88 مىڭ يۈەن بولغان. جېڭ يۇڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل كۆزىتىش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

4. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خۇاڭ يافېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014 - يىلى چاغاندىن 2018 - يىلى جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىگىچە، خۇاڭ يافېي كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان مال سېتىۋېلىش كارتىسى، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 43 مىڭ 200 يۈەن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، خۇاڭ يافېيدا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. خۇاڭ يافېيغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

5. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى كان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى باقىتبېك رەخىمبېك، ئارال كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇداخۇن زاكىرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتى ھەم يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2018 - يىلى 10 - ئاي ۋە 11 - ئايدا، باقىتبېك رەخىمبېك، تۇداخۇن زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرى ئۇيۇشتۇرغان زىياپەت ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىستېمال سوممىسى جەمئىي 14 مىڭ 400 يۈەن بولغان. باقىتبېك رەخىمبېك، تۇداخۇن زاكىرغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

6. قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى تىيانشان ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى شۈ گۇاڭچېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2019 - يىلى 6 - ئايدىن 2019 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شۈ گۇاڭچېڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلىش ھەققىنى ساختا مەلۇم قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ 10 مىڭ 300 يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، شەخسىي ئۇيۇشتۇرغان زىياپەت ئىستېمالىغا تۆلەشكە ئىشلەتكەن. شۈ گۇاڭچېڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

يۇقىرىقى ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالتە مەسىلىنىڭ بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەت قوبۇل قىلىش، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت، زىياپەت پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش بولۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈزبەرگەن ياكى ئۇدا يۈزبەرگەن، تىپىك نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىق قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، جەزمەن «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىستىل قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى ساقلاش - ساقلىيالماسلىقى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. «جۇڭچيۇ» «دۆلەت بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، تۈگۈن نۇقتا «سىناق نۇقتا»دۇر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش قاتارلىق راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى قەتئىي تۈزەپ، «بايرام چىرىكلىكى»نى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېجەش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى چەكلەشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، ئىنتىزام تارىسىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن چىڭ تۇتۇپ، «بايرام كېسىلى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاشلىق تېجەش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى چەكلەشنى نازارەت قىلىشنى «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، «يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى»نى بوشاشماي دائىم تۇتۇپ، «يېمەك - ئىچمەك چىرىكلىكى»گە باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، پۇل - مالنى قالايمىقان تارقىتىش قاتارلىق بايرام مەزگىلىدە ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا، قائىدىگە پىسەنت قىلماي، شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلاردىن بىرى بايقالسا بىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانچە ئاخىرىغا بارغانسېرى شۇنچە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان، ئىنتىزامنى شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك سىگنالنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى