ئاھالىلەر تۇرسۇنئاي تۇرسۇنغا ديەنزەن قىلدى
«قىزچاق، جاپا چەكتىڭىز»
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ يۆ
«مەھەللە خىزمەتچى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، خېلى ئۆسۈپ يېتىلدىم» دېدى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 21 ياشلىق تۇرسۇنئاي تۇرسۇن.
تۇرسۇنئاي ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىمالىي ۋوگزال 5 - يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك خىزمەتچى خادىم، بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل توشقانىدى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ئۇ چېكىنمىدى، مەھەللىدىكى باشقا 12 نەپەر «95 - يىللاردا تۇغۇلغان» خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ياشلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاۋانگارتلار ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتتى.
يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، تۇرسۇنئاينىڭ ھەربىر كۈنى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ماددىي ئەشيا كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ، مەھەللىدىكى 40 ئائىلىدىكى 120 ئاھالىگە كۈندىلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە تېببىي خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى يىغىشىغا ھەمكارلاشتى، ھەر كۈنى ئاھالىلەر ئۈچۈن دورا يەتكۈزۈش، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئەخلەت يىغىش، دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى. ئەڭ ئالدىراش بولغاندا، ئۇ ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت ئىشلىدى.
«ھەر كۈنى ئەتىگەندە، خالتىلارغا ئايرىم قاچىلانغان كۆكتات، مېۋە - چېۋە ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى باشلايمەن. ھەمىشە ئۆزۈمنى تېخى ئۇيقۇغا قانماي تۇرۇپلا، خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن.» تۇرسۇنئاي مۇنداق دېدى: گەرچە سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتساممۇ، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئەزەلدىن بوشاڭلىق قىلمىدىم.
«ئەڭ ئېغىرى گۈرۈچ، ئۇن، دائىم 1 - قەۋەتتىن 5 - قەۋەتكە يۈدۈپ چىقىمەن، بەزىدە مۈرەم ئېزىلىپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن. بەزىدە مۇداپىئە كىيىمىمنى سېلىۋەتكەندە، ئىچىدىكى كىيىملىرىمنى سىقسام سۇ چىقاتتى.» تۇرسۇنئاينىڭ دېيىشىچە، ئۆزى مۇشۇنچىلىك چوڭ بولغۇچە، ئەزەلدىن بۇنداق جاپالىق ئىشنى قىلىپ باقمىغان ئىكەن. چارچىغاندا، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «مەھەللە خىزمىتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت، ئاممىنىڭ يۆلەنچۈكى، بۇ ۋاقىتتا ئەركىلەشكە بولمايدۇ، مەن قىلالايمەن!» دېگەن.
چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىۋاتقاندا، تۇرسۇنئاي دائىم «قىزچاق، جاپا چەكتىڭىز» دېگەن بۇ جۈملە سۆزنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئاھالىلەرنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايلىرى، كۆڭۈل بۆلىدىغان سۆزلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى شۇ زامان خۇشاللىققا چۆمدۈرەتتى. «ئاھالىلەر ئاتا - ئانامغا ئوخشايدۇ. گەرچە مېنىڭ يېشىم كىچىك بولسىمۇ، لېكىن كۈچۈم زور، ئاھالىلەرنىڭ تەبەسسۇمى ۋە ئىلھامى مېنى ھەممە ئەرزىيدىغاندەك ھېس قىلدۇردى» دېدى ئۇ.
يىل بېشىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندە، تۇرسۇنئاي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقانىدى. بۇ قېتىم ئۇ يەنىلا سەپنىڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا «جەڭچى»، «تەشۋىقاتچى»، «كاپالەتچى» رولىنى ئويناپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
«ئاممىنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەندە، بىز ئېھتىياجنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك.» يىل بېشى ۋە تومۇزدىكى ئىككى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چېنىققاندىن كېيىن، تۇرسۇنئاي لاياقەتلىك مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇپ يېتىلدى.