تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بايىنغولىن ئوبلاستى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە 300 مىليون يۈەنگە يېقىن ياردەم بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ خەۋىرى): ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىر ئۇچى نامرات ئاممىغا تۇتاشسا، بىر ئۇچى كەڭ بازارغا تۇتىشىدۇ.

مەملىكەتلىك ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر)لەر يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، نامرات ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ئىشلەپچىقىرالىدى، ياخشى ساتالىدى».

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ياخشى سېتىش» ئۈچۈن، ئەلۋەتتە «ئىشلەپچىقىرالىشى» كېرەك. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ئىشلەپچىقىرالىشى»غا كاپالەتلىك قىلدى.

مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدە نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىدىن 54 خىلى بېكىتىلگەن. بۇ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا ئۈنۈمى، بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ سىرتىغا چىقىرىش، سېتىشقىمۇ پايدىلىق ئىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، بايىنغولىن ئوبلاستى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ياخشىلايدىكەن.

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ كەڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بايىنغولىن ئوبلاستى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش دېھقانلارنىڭ قولىدىكى ھەقىقىي بايلىققا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى