تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇتۇش مەيدانىدا، لى بىن لازا قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شيې شياۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار بۇيىنكسىك، لى پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ يىل تېرىلغان لازىلارنىڭ سورتى، ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، رەڭگى ساپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى سېتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.» 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، كۆز ئالدىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، خوشۇت ناھىيەسى تېۋىلغا بازىرىدىكى دېھقان لى بىن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى. شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدىكى بىر چۆللۈكتىكى قۇرۇتۇش مەيدانىدا، تاغدەك دۆۋىلەپ قويۇلغان قىزىل لازىلار چىرايلىق مەنزىرىگە ئايلانغانىدى. 

لازا تېرىشتىن لى بىن نەپ ئالدى، كىرىمى ئاشتى، ئۇنىڭ تۇرمۇشقا قارىتا يېڭى پىلانى بار بولدى. تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار بولغاچقا، يەنە لى بىن بۇلتۇر تېرىغان 30 مو يەردىكى لازىنى قوشقاندا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بۇ يىل لى بىن لازا تېرىش كۆلىمىنى 70 موغا كېڭەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر كۈچىمەكچى بولدى.

سىرتتىن لازا سېتىۋالغىلى كەلگەن سودىگەر لى جىچېڭ مۇنداق دېدى: «2001-يىلىدىن باشلاپ، مەن ھەر يىلى خوشۇت ناھىيەسىگە لازا سېتىۋالغىلى كېلىمەن. چۈنكى بۇ يەردىن چىققان لازىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، يەرلىك بازاردا دائىم تەمىنلەش ئېھتىياجى قاندۇرالماي قالىدۇ. بۇ يىل، مەن بالدۇرلا لازا سېتىۋېلىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشكىلى كەلدىم، ھازىر 500 توننىدىن ئارتۇق لازىنى ئوڭۇشلۇق سېتىۋالدىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى