تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا شەھىرى: شەھەردىكى 61 يەسلى ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلاپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  9-ئاينىڭ 24-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى شەھەر يەسلىلىرى ئوقۇش باشلاپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەرقايسى يەسلىدىكى بالىلار ئاۋۋال چوڭ سىنىپ، ئوتتۇرا سىنىپ، ئارقىدىن كىچىك سىنىپ تەرتىپى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ يەسلىگە كىردى.

  بۇ قېتىم جەمئىي 61 يەسلى ئوقۇش باشلىدى، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 59 يەسلى ئوقۇش باشلاپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، قالغان ئىككى يەسلى يېقىندا ئوقۇش باشلىماقچى.

    مۇخبىر ئەتىگەن سائەت 9:00دا غۇلجا شەھەرلىك 5-يەسلى ئالدىدا، يەسلىگە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەسلى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ھەرقايسى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كېلىپ كۈتۈۋېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، رەت بويىچە دېزىنفېكسىيەلەش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن يەسلىگە، سىنىپقا تەرتىپلىك كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  غۇلجا شەھەرلىك 5-يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇڭ خۇيخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەسلى ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن، ھەربىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى، بالىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر كۈندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆلچەش، ئۈچ قېتىم مەلۇم قىلىش تۈزۈمى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە كىرىپ-چىققاندا تىزىملاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەركۈنى بالىلار يەسلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەسلىدە ئومۇميۈزلۈك دىزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى يەسلىلەر ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، مۇھىتنى پاكىزلاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەقسىملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، يەسلىلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

                              (ماقالىنى غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن بايتا تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى