تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز باشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان رەڭگارەڭ كۈزلۈك ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ ئالاساي كەنتىدىكى دېھقانلار ياڭاقلىرىنى ئاپتاپقا سالماقتا.(مۇخبىر ئەنۋەرجان ئىمىن فوتوسى)

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پاختا، ياڭاق، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان رەڭگارەڭ كۈزلۈك ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. ياخشى ھوسۇل ياخشى كىرىمدىن، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، باي ناھىيەسى كانچى سۇلۇق يەر باغچىسىدا «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ۋە يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جاينىڭ مول يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى ھەم ئاممىنى ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.(ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرىدىكى دېھقانلار ئالدىراش نەشپۈت ئۈزمەكتە.(مۇخبىر ياڭ شو فوتوسى)
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئونسۇ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بازىرى تۆمۈريول يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە لازا قىرقىماقتا.(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چى چاۋ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى قارامۇقچى كەنتىدىكى دېھقانلار كۆممىقوناق سويماقتا.(مۇخبىر ئەنۋەرجان ئىمىن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى فېڭشوۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خوڭيۈ كەنتىدىكى دېھقانلار پاختا تەرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسىدە بۇ يىل تېرىلغان 570 مىڭ مو ئادەتتىكى پاختا تەرتىپلىك ئۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 46 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلغان.(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يەنچى فوتوسى)

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرىدا، دېھقان ئابدۇللا ئەخمەت ھويلىسىدىكى ئۈزۈملەرنى ئۈزمەكتە.(مۇخبىر ياڭ شو فوتوسى)
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرىدىكى دېھقانلار 200 كىلوگىرام چىلان بىلەن كۆممىقوناقتىن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئالتە مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىغان كۈزنىڭ ھوسۇل سۈرىتىنى تىزىپ، «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى خۇشال كۈتۈۋالدى.(ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)
                                         
                                                         «ئاقسۇ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى