تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكى: كىچىك خاس مەھسۇلاتلار كەنت ئاھالىلىرىغا يېڭى «پايدا» ئېلىپ كەلدى

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى لۇڭچۇەن بازىرى دابېيشەن كەنتىدە، جىڭيۈ ناھىيە يۈيۆ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان گاۋ شيۇخۇ مېھرىگىيا سىپورا چېڭى يىغىش خالتىسىنى رەتلىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى لۇڭچۇەن بازىرى دابېيشەن كەنتى چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىدە بولۇپ، تاغلىق يەر كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دابېيشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ خاس مەھسۇلاتلارنى تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى، تاغلىق رايوندىكى خاس بايلىق، مۇھىت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ياۋا كۆكتات، مور قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى تېرىدى. تېخنىكا ۋە تىجارەت ئىدىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دابېيشەن كەنتىدە بىر تۈركۈم تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك شىركەتلىرى بارلىققا كەلدى، 2019-يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىق كۆلىمى 1000 مودىن ئېشىپ، 155 نامرات ئاھالىنىڭ ھەر بىرى يىلدا 1500 يۈەندىن پايدىغا ئېرىشتى.(جاڭ نەن فوتوسى)

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى لۇڭچۇەن بازىرى دابېيشەن كەنتىدە، جىڭيۈ ناھىيە يۈيۆ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان گاۋ شيۇخۇ مېھرىگىيا ئۈزمەكتە.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى لۇڭچۇەن بازىرى دابېيشەن كەنتىدە، جىڭيۈ ناھىيە يۈيۆ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان گاۋ شيۇخۇ(سولدا) خوتۇنى تاڭ جىنى بىلەن مېھرىگىياھ سىپورا چېڭىنى ئوراپ قاچىلاش لايىھەسىنى مەسلىھەتلەشمەكتە.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى لۇڭچۇەن بازىرى دابېيشەن كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ ليەنجى(سولدا) دېھقان جۇ يوۋخۇا بىلەن گاستىرودىيە ئوتىنىڭ قۇرۇتۇلۇش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى