تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بېيىش يولى ئاچتى

 

 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، دېھقانلار جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتىدە جۈخار گۈلى ئۈزمەكتە. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتى چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆممىقوناق، دادۇر قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. 2018-يىلىدىن باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جىخۇڭ كەنتىگە ئورۇنلاشتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋاڭ جىنبو ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى شۇ جاينىڭ خاس تاغلىق رايون كىلىماتىغا تايىنىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىش تۈرىنى كىرگۈزدى. 2020-يىلى، جىخۇڭ كەنتىدە 2000 مو يەرگە ۋۇۋېيزى، بېيمۇ، رەيھان، جۈخار گۈلى، ئادەمگىياھ قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىلدى، تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 100دىن ئارتۇق كىشى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىگە قاتنىشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ نەن فوتوسى

    9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتىدە، چاڭشىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان مياۋ جيۇفا يېڭىلا ئۈزگەن ۋۇۋېيزىنى رەتلىمەكتە.

 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرىدىكى «1-شۇجى ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان مەھسۇلات بايراقدار دۇكىنى»دا، جىخۇڭ كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋاڭ جىنبو جۈخار گۈلى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

 

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتىدە، چاڭشىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلار ۋۇۋېيزىنى قاقلاپ قۇرۇتۇش سېخىغا ئەكىرمەكتە.

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، دېھقانلار جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتىدە جۈخار گۈلى ئۈزمەكتە. 

 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جىڭيۈ ناھىيەسى سەنداۋخۇ بازىرى جىخۇڭ كەنتىدە، چاڭشىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان ۋېي يەنمېي ۋۇۋېيزىلارنى ئىلغىماقتا. 

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى