تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پوسكام ناھىيەسىدىن 10 مىڭ قاپ نامراتلارنى يۆلەش سوۋغاتلىقى شاڭخەيگە سېتىلدى

پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش دۆلەت بايرىمىلىق سوۋغاتلىقى شاڭخەيگە ئەۋەتىلىش ئالدىدا. 

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن جىنلى خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، شاڭخەي كارخانىلىرى زاكاز قىلغان 10 مىڭ قاپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوۋغاتلىقى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇ سوۋغاتلىق 12.5 توننا پوسكام چىلىنى، 3.6 توننا ماتاڭ، بەش توننا پوسكام ياڭىقى، ئارىسىغا ياڭاق ئېلىنغان بەش توننا چىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن كېلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سېتىشقا شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پوسكام شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى باش بولغان بولۇپ، پوسكام ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ۋە سانائەتلەشتۈرۈش ئۇچۇر ئىدارىسى، پوسكام ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى بىرلىكتە تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ تاماملىغان.

سوۋغاتلىق ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسى نامرات ئاھالىلەر تېرىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى.

  ئىلگىرى، پوسكام ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پوسكام شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بەردى. زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ناھىيە دەرھال دېھقانلار ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلاپ چىقتى.

  پوسكام ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سوۋغاتلىقلاردىن باشقا، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن يەنە 5000 دانە ئوخشاش تۈردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوۋغاتلىقى شاڭخەيگە ئەۋەتىلىدۇ. بۇ يىل چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ قېتىمقى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى يەرلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ۋە باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى