جۇڭگو گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ماۋ ۋېيخۇا): توخۇ كاتىكىدە توخۇ باققاننى كۆرۈپ باققان، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستىدا توخۇ باققاننى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟ شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى خۇمدان كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستىدا توخۇ بېقىپ يىراق-يېقىنغا تونۇلدى. بىر رەڭدار قىرغاۋۇل لاپىسىدا 100 دانە رەڭدار قىرغاۋۇل بېقىلدى، ھەر بىر تۇخۇمنى 5-4 يۈەن، ھەر بىر رەڭدار قىرغاۋۇلنى 150 يۈەندىن ساتقاندا 15 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەم ئېكولوگىيە قوغدالدى، ھەم ياڭاقنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مەھسۇلات مىقدارى ئاشۇرۇلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۇقرالارنى بېيىتىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك گۈزەللىكنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى