تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۈنلىرىمىز ئەنجۈردەك تاتلىق

   تىيانشان تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. 14-شى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ئېنجۆ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەسلىھەلىك پارنىكىدا، دانە-دانە سۆسۈن، قىزىل رەڭلىك ئەنجۈرلەر پانۇسقا ئوخشاش شاخلارغا ئېسىلىپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان خۇشپۇراق تارقاتتى. مېۋىلىك دەرەخلەر ئاستىدا، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى 11-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى مەمتىمىن خېلىل خوتۇنى مېھرىگۈل ئابلىكىم بىلەن بىر تەرەپتىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئوت ئوتاپ، بىر تەرەپتىن مېۋىلىك دەرەخلەرنى سۇغاردى.

   مەمتىمىن خېلىل مۇخبىرغا، ھازىر، ئۇلار ئەر-خوتۇننىڭ مۇقىم خىزمىتىنىڭ بار بولغانلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە پىكاپمۇ سېتىۋالغانلىقىنى، بۇ يىل قىزىنىڭ داشۆگە ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى، كۈنلىرىنىڭ خۇددى دەرەختىكى ئەنجۈردەك تاتلىق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

   بۇ يىل، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك كەسىپ كۆلىمىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈم ئېففىكتىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، «كەسىپ» ئارقىلىق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيىش «مول مېۋە»لىرىنى شاخلارغا تولدۇردى.

   52 ياشلىق مەمتىمىن خېلىل ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، سىرتتا پارچە-پۇرات ئىش قىلىشقا تايىنىپ پۇل تاپاتتى، خوتۇنى ئىلگىرى ئۆيدە ئىش كۈتكەچ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى. 2018-يىلى، مەمتىمىن خېلىل ئېنجۆ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، خوتۇنى مېھرىگۈل ئابلىكىم بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

   ئېنجۆ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يېڭى كىرگەندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېيجىڭدىن كەسپىي تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، يېڭىدىن كوپىراتىپقا كىرگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئىلگىرى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى بولمىغان ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەمتىمىن خېلىل ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كەسىپىنىڭ ئەھلىگە ئايلاندى ھەم باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا چىقتى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىر ئايلىق مائاشىنى قوشقاندا 6000 يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا يەنە تەقسىم قىلىنغان پايدىغا ئېرىشتى.

   ئېنجۆ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، مەمتىمىن خېلىلغا ئوخشاش ئۆزى تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەنە ئىنتايىن كۆپ.

   ئېنجۆ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى تيەن ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 32 ئەزا، 53 كۈنلۈك ئىشچى بار، ھەربىر ئەزاغا يىل ئاخىرىدا تەخمىنەن 5500 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئەنجۈر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئىشچى-خىزمەتچى»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، خاسلاشقان، كەسىپلەشكەن تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى ھەم زاكاز ئىمزالاش، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەزالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

   «رېتسېپ»نى توغرا يازغاندىلا، ئاندىن «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كىچىككىنە ئەنجۈر گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

   مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنى 2016-يىلىدىكى %20.17دىن نۆلگە چۈشۈردى؛ نامرات نوپۇس 2016-يىلىدىكى 5236 ئادەمدىن 2018-يىلىدىكى 1245 ئادەمگە تۆۋەنلەپ، ئاندىن يەنە، 2019-يىلىغا بارغاندا نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى